08.10.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1716737
08.10.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «خابەرتۈرك» گېزىتى: «تۈركىيە ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ، ئىسرائىلىيە سوت مەھكىمىسىنىڭ يەھۇدىيلارنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇسنىڭ كونا شەھەر رايونىدىكى مەسجىدى ئەقسادا «جىمجىت» دۇئا قىلىشىنى تەستىقلىشىنى قاتتىق ئەيىبلەپ: «بىز خەلقئارا جەمئىيەتنى بۇ خاتا، قانۇنسىز ۋە خەتەرلىك قارارغا، ھەمدە مەسجىدى ئەقساغا قارىتىلغان بارلىق ئىغۋاگەرچىلىكلەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇشقا چاقىرىمىز» دېگەنلىكىنى يازدى.

«ھۆررىيەت» گېزىتى: «ئەنگلىيە بىئونتېك ۋاكسىنىسى ئەملەتكۈزگەنلەرنى ئۆيدە كارانتىن قىلىش قارارىنى بىكار قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئەنگلىيەنىڭ تۈركىيە قاتارلىق 37 دۆلەتتىن كېلىدىغان كوۋىد – 19 ۋاكسىنىسىنى تولۇق ئەملەتكۈزگەن يولۇچىلارنىڭ تەۋەلىكىگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى يازدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەنگلىيە تەرىپىدىن تەستىقلانغان كوۋىد – 19 ۋاكسىنىلىرىنى تۈركىيەدە ئەملەتكۈزگەنلەر 10 كۈن ئۆيدە كارانتىن قىلىش تۈزۈمىدىن كەچۈرۈم قىلىنىدىكەن. تولۇق ۋاكسىنا ئەملەتكۈزگەن ھېسابلىنىش ئۈچۈن ئەنگلىيەگە بېرىشتىن كەم دېگەندە 14 كۈن ئلىگىرى ئوكسفورد / ئاسترا زېنېكا، پفىزېر/بىئونتېك، مودېرنا ۋە جانسسېن ۋاكسىنىلىرىدىن بىرىنى ئىككى قۇتا ئەملەتكۈزگەن بولۇش كېرەك ئىكەن.

«يېڭى شەپەق» گېزىتى: «تۇركوۋاكقا ئۈچىنچى قۇتا ئىجازەتنامىسى چىقتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىيە دورا ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ئىدارىسىنىڭ يەرلىك ۋاكسىنا تۇركوۋاكنى كۈچەيتكۈچى دورا (ئەسكەرتىش ۋاكسىنىسى) قىلىپ ئىشلىتىىنى تەستىقلىغانلىقىنى؛ ئىككى قۇتا سىنوۋاك ۋاكسىنىسى ئەملەنگەن كىشىلەرگە تۈنۈگۈندىن تارتىپ ئۈچىنچى قۇتا ۋاكسىنا سۈپىتىدە تۇركوۋاكنىڭ ئەملىنىشكە باشلانغانلىقىنى يازدى.

«ستار» گېزىتى: «تۈركىيە دوست دۆلەتكە زور مەبلەغ (سالدى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، قازاقىستاننىڭ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا دۆلەتكە سېلىنغان چەت ئەل بىۋاسىتە مەبلىغىنىڭ نىسبىتىنى ئېلان قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا ۋە شىۋېيتسارىيەدىن قالسىلا قازاقىستانغا سالغان مەبلىغىنى ئەڭ كۆپ ئاشۇرغان ئۈچىنچى دۆلەتكە ئايلانغانلانغانلىقىنى يازدى.

«ساباھ» گېزىتى: «Hugo Boss تۈركىيەدىكى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، كوۋىد   -  19 يۇقۇمىدىن كېيىن غەرب شىركەتلىرىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان تەمىنلىگۈچىسىگە ئايلانغان تۈركىيەنىڭ، دۇنيانىڭ چوڭ شىركەتلىرىنىڭ ئارقا – ئارقىدىن سالغان مەبلەغلىرى بىلەن دىققەتنى تارتىشقا باشلىغانلىقى؛ ئەڭ يېڭى مەبلەغ سېلىش خەۋەرىنىڭ گېرمانىيە مودا ماگناتى Hugo Boss تىن كەلگەنلىكى، شىركەتنىڭ كېلەر يىلى تۈركىيەدىكى خىزمەتچى سانىغا يېڭىدىن مىڭ كىشىنى سەپلەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارغا ئورۇن بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر