30.09.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدا ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1712629
30.09.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «ئەردوغان: سۈرىيەنىڭ تىنچلىقى تۈركىيە ۋە رۇسىيەگە باغلىق <دېدى>» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان يۈز تۇرانە ئۇچرىشىشتا، ھالقىلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى. بولۇپمۇ سۈرىيەدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەر مۇزاكىرە قىلىنغان ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى بايانات ئېلان قىلغان ئەردوغان، «سۈرىيەگە قارىتا بىرلىكتە تاشلىغان قەدەملىرىمىز ئىنتايىن مۇھىم. ئۇ رايوننىڭ تىنچلىقىمۇ تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ مۇناسىۋىتىگە باغلىق» دېدى. «

«خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «ئەردوغان نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتىگە تۈركىيەنىڭ S-400 نى نېمە ئۈچۈن سېتىۋالغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئامېرىكا نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى (NYT) نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، <تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن S-400 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى سېتىۋېلىشى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا زىيان يەتكۈزدى> دېگەن تەنقىدلەرنى رەت قىلدى ۋە: «ئەگەر ئامېرىكا ۋەتەنپەرۋەر باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىنى تۈركىيەگە سېتىپ بەرگەن بولسا ئىدى، بىز S-400 لەرنى ئېلىشقا مەجبۇر بولمىغان بولاتتۇق» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

«ۋەتەن› گېزىتى»، «تۈركىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە كېلىشىم» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىلەن بايكار شىركىتى ئوتتۇرىسىدا ئورتاق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئاسراش ۋە تەربىيەلەش مەركىزى قۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالاندى. كېلىشىمگە ئاساسەن بايكار شىركىتى ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە تەۋە ۋاسىلكوۋ رايونىدا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى ئاسراش، زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە مەشىق مەركىزى قۇرىدۇ. ئۇكرائىنا قوراللىق قىسىملىرى تۈركىيەدىن 7 دانە TB2 ئۇچقۇچىسىز ھۇجۇمچى ئايروپىلان سېتىۋالغان ئىدى. «‹

«ساباھ› گېزىتى»، «تۈركىيە سىجىل ئېنېرگىيە جەھەتتە دۇنيادا 12-ئورۇندا ۋە ياۋروپادا 5-ئورۇندا تۇرىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىق مىنىستىرى فاتىھ دونمەز تۈركىيەنىڭ ھازىرقى سىجىل ئېنېرگىيە ئىقتىدارى بىلەن دۇنيادا 12-ئورۇندا ۋە ياۋروپادا 5-ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بىز قۇياش ۋە شامال ئېنېرگىيىسىدىمۇ باشلامچى ۋە ئۈلگىلىك دۆلەت بولىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز. بۇ ئىشەنچىمىزنىڭ مۇھىم نامايەندىسى سۈپىتىدە، قۇياش ۋە شامال ئېنېرگىيەسىگە مەبلەغ سېلىشتا ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقتۇق» دېدى.

«ھۆرىيەت› گېزىتى»، «فىرانسىيە شىركەتلىرى تۈركىيەگە سالغان مەبلىغىنى كۆپەيتىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: فىرانسىيە تاشقى سودا ۋە مەبلەغ سېلىش مىنىستىرى فىرانك رىستېر تۈركىيە بىلەن فىرانسىيەنىڭ ئۆزئارا سودىسىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، «بۇلتۇر بىز 14 مىليارد ياۋرولۇق ئۆز-ئارا سودىسىنى ئىشقا ئاشۇردۇق. يېقىنقى ئايلاردا ئۆز-ئارا سودىنىڭ تېزلەشكەنلىكىنى كۆرمەكتىمىز. شۇڭلاشقا بۇ يىل بىز 16 مىليارد ياۋروغا يېتىشىمىز مۇمكىن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر