03.09.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلانغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1701983
03.09.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ھۆررىيەت گېزىتى»، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ تۈنۈگۈنكى (2021-يىلى 2-سېنتەبىر) باياناتىدا، كابۇل ئايرودۇرۇمىنى باشقۇرۇش توغرىسىدا: «تالىباندىن ۋە بەزى دۆلەتلەردىن بىز بىلەن ھەمكارلىشىش توغرىسىدا تەلەپلەر كېلىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئويلىشىمىز. ھەممە كىشى خاتىرجەم بولىدىغان شەكىلدە بىخەتەرلىك ئورنىتىش كېرەك. بۇنى تالىبانغا يەتكۈزدۇق» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ساباھ گېزىتى»، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ باياناتچىسى ئۆمەر چەلىكنىڭ تۈنۈگۈن ئافغانىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ، يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان كۆچ دولقۇنىغا قارشى خەلقئارانى ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ستار گېزىتى»، قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيخ مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان ئالسانىنىڭ: «كابۇل ئايرودۇرۇمىنى قايتا ئېچىش ئۈچۈن تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە تىرىشىۋاتىمىز» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، سودا مىنىستىرى مەھمەت مۇشنىڭ 2021-يىلى ئاۋغۇست ئېيىدىكى ئېكسپورت مىقدارىنىڭ ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرۇلغاندا تەخمىنەن %52 ئېشىپ، 18.9 مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، مىنىستىرنىڭ: « بۇ رەقەم بىلەن ئەڭ يۇقىرى ئاۋغۇست ئېيى ئېكسپورت مىقدارىغا يەتتۇق. يېقىنقى 12 ئايلىق ئېكسپورت رەقەملىرى 207.5 مىليارد دوللارغا يېتىپ، جۇمھۇرىيەت تارىخىدىكى رېكورت بۇزۇپ تاشلاندى» دېگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن خىزمەت بېرىشتىن توختاپ قالغان كۇشاداسى ئەگە پورتىنىڭ ئارىدىن ئۆتكەن ئۇزۇن مەزگىلدىن كېيىن، تۇنجى يولۇچىلار پاراخوتىنى كۈتۈۋالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، پاراخوتتىكى 450 رۇسىيەلىك ساياھەتچىنىڭ كۇشاداسىدىكى خەلق سەنئەتچىلىرى تەرىپىدىن قىزغىن كۈتۈۋېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر