02.09.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1701370
02.09.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «ئەردوغان: <بىز دۇنيادا ئىقتىسادى تەرەققىياتى ئەڭ تېز ئۆرلىگەن ئىككىنچى دۆلەتكە ئايلاندۇق > دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ يىلنىڭ ئىككىنچى پەسلىدە %21.7 ئاشقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، تۈركىيەنىڭ دۇنيادا ئىقتىسادى تەرەققىياتى ئەڭ تېز ئۆرلىگەن ئىككىنچى دۆلەتكە ئايلانغانلىقىنى ئېيتتى.

«‹ساباھ› گېزىتى»، «چاۋۇشئوغلۇ سېربىيە دۆلەت مەجلىسى باشلىقى داچىچ بىلەن كۆرۈشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ سېربىيە زىيارىتى دائىرىسىدە، دۆلەت مەجلىسى باشلىقى ئىۋىكا داچىچ بىلەن كۆرۈشتى. چاۋۇشئوغلۇ ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابىدىكى يازمىسىدا، «بىز سېربىيە دۆلەت مەجلىسى باشلىقى دوستۇم ئىۋىكا داچىچ بىلەن كۆرۈشتۇق، مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ پارلامېنت ئۆلچىمىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىمىز» دېدى.

«‹ۋەتەن› گېزىتى»،  «ئاقار: <ئەسكەرلىرىمىز دۇنيا تىنچلىقىغا خىزمەت قىلماقتا> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ئافغانىستاندىن ئەسكەرلەرنى تارقاقلاشتۇرۇش توغرىسىدا تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ئەسكەرلىرىمىز ھازىرغىچە ۋەزىپە ئۆتىگەن بارلىق جايلاردا بولغانغا ئوخشاش ئافغانىستاندىمۇ ئەجدادلىرى ۋە شانلىق تارىخىغا يارىشىملىق شەكىلدە ۋەزىپىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنداپ، ئافغانىستان خەلقىنىڭ قەلبىنى ئۇتۇپ، دۇنيا تىنچلىقىغا خىزمەت قىلىشنىڭ غۇرۇرى بىلەن يۇرتىغا بىخەتەر قايتىپ كەلدى» دېدى.

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «ئىستانبۇل ئايرودورۇمى ياۋروپا بويىچە ئەڭ نەتىجىلىك ئايرودورۇم بولۇپ باھالاندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئاۋىئاتسىيە تىرانسىپورت تەتقىقات جەمئىيىتى (ATRS) تەرىپىدىن ئىستانبۇل ئايرودورۇمى 40 مىليوندىن ئارتۇق يولۇچى توشۇش تۈرىدە «ياۋروپا بويىچە ئەڭ نەتىجىلىك ئايرودورۇم» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

«‹ستار› گېزىتى» «تۈركىيە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردىكى 10 دۆلەت ئىچىدىن ئورۇن ئالدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيە بۇلتۇر ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن 2500 مېگاۋاتلىق سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى بىلەن دۇنيادا بۇ ساھە بويىچە سىغىمى ئەڭ يۇقىرى دەسلەپكى  10 دۆلەت قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. تۈركىيەنىڭ سۇ ئېلېكتىر كۈچى ئىيۇلنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا 31 مىڭ 436 مېگاۋاتقا يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر