01.09.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1700634
01.09.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ھۆررىيەت گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر مۇراسىمدا، ھەر خىل ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىغا ئىگە بولغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «ئەمدى ئىشىك تۈۋىدىكى تىلەمچى ئەمەسمىز. دەل ئەكسىچە، ھەممە كىشى بىزدىن تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. ئەزەربەيجانغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىمىز بىلەن ياردەم قىلدۇق. لىۋىيەگە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىمىز بىلەن باردۇق. بۇنىڭدىن كېيىن ھېچكىمنىڭ ئىشىكىدە تىلەمچى ئەمەسمىز» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ساباھ گېزىتى»، ئەزەربەيجان، قاتار، ئۇكرائىنا، تۇنىس ۋە ناتو ئەزاسى پولشادىن كېيىن، ئىراقنىڭمۇ تۈركىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى سېتىۋېلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئىراقنىڭ «بايراكتار-ت ب2»، « T129-ئاتاك» تىك ئۇچارى ۋە يېڭى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىدىن سېتىۋېلىشنى تەلەپ قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

«ستار گېزىتى»، تۈركىيە نېفىت ھەسسىدارلىق شىركىتى تۋىتتېردا: «ساكاريا گازلىقىنىڭ ‹2-تۈركئەلى› قۇدۇقىدىكى سىناقنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇردۇق» دەپ بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، سكوليوز كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان، داۋالىنىش ئۈچۈن گېرمانىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئايلانغان 13 ياشلىق ئەنگلىيەلىك ئۇسسۇلچى ئولىۋىيا بۇكلېينىڭ تۈركىيەدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئوپېراتسىيە قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، تۈركىيە ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ ياۋروپا چېمپىيونلۇقىدا پولشا ئاياللار كوماندىسىنى 0 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن يىڭىپ، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشۈش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر