24.08.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلانغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1696236
24.08.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «يېڭى شەپەق گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئافغانىستان ۋە كۆچ مەسىلىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك زور دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىككى كۈن ئىچىدە ئالتە دۆلەتنىڭ رەھبىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى چارلىز مىشېل بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكى قەيت قىلىندى.

خەۋەردە يەنە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ: «رايونىمىزدا مۇقىملىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە دۆلىتىمىزنى كۆچنىڭ بېسىمىغا قارشى قوغداش ئۈچۈن زۆرۈر قەدەملەرنى بېسىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

«ۋەتەن گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 2020-يىللىق توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىدا مېدال ئالغان تەنھەرىكەتچىلەر بىلەن جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا كەچلىك تاماقتا بىرگە بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ساباھ گېزىتى»، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ باياناتچىسى ئۆمەر چەلىكنىڭ بىر قاتار دۆلەتلەرنىڭ ئافغانىستاندىكى كۆچ توغرىسىدا باياناتلارنى ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «تۈركىيەنىڭ يەنە مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىشقا كۈچى يوق، تۈركىيە كۆچمەن لاگېرى ئەمەس. تۈركىيە چېگرالىرىغا ئىگە چىقالايدۇ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلىنغان ئافغانىستانلىق مۇساپىرلار ئۈچۈن تۈركىيە بىلەن پاكىستاندا لاگېر قۇرۇلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنىڭ 24 سائەت ئىچىدە ئاشكارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ب ب س تۈركچە بۆلۈمىنىڭ مەزكۇر خەۋەر ئۈچۈن ئەپۇ سورىغانلىقى قەيت قىلىندى.

خەۋەردە، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ، «بۈگۈنگىچە ھېچقانداق بىزگە بۇ توغرىدا رەسمىي تەلەپ سۇنمىدى. بۇ توغرىدا رەسمىي تەلەپ كەلگەن تەقدىردىمۇ، قوبۇل قىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس» دەپ بايانات ئېلان قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، تۈركىيە دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسىنىڭ ياۋروپا چېمپىيونلۇقىدا، فىنلاندىيە كوماندىسىنى 0 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن يەڭگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.


خەتكۈچ: #ۋەتەن , #ساباھ

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر