26.07.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1680138
26.07.2021

«‹ساباھ› گېزىتى»، «تۈركىيە سىجىل ئېنېرگىيە مەنبەسىدە ياۋروپا بويىچە 5- ئورۇنغا ئۆتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

مۇھىت ۋە شەھەر قۇرۇلۇشى مىنىستىرى مۇرات كۇرۇم سىجىل ئېنېرگىيە مەنبەسى نۇقتىسىدىن، تۈركىيەنىڭ دۇنيا بۇيىچە 12- ۋە ياۋروپا بويىچە 5-دۆلەت بولغانلىقىنى بىلدۈردى. تۈركىيەنىڭ ئورنىتىلغان ئېنېرگىيىسىنىڭ %52 نى سىجىل ئېنېرگىيەدىن قامدايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «كەلگۈسى 10 يىلدا ھەر يىلى 10 گېگاۋات شامال ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن سىجىل ئېنېرگىيە ئىقتىدارىمىزنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشقا تىرىشىمىز» دېدى.

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «يەرلىك ۋاكسىنا يىل ئاخىرىغىچە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىشكە تەييار بولىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ۋىرۇسقا ئوخشاش زەررىچە (VLP) نى ئاساس قىلغان يەرلىك كوۋىد-19 ۋاكسىناسى تەتقىقاتىدا، 1- ۋە 2-باسقۇچلۇق سىناقلار تاماملاندى. سىناق قىلىنغۇچىلاردا ھازىرغىچە ھېچقانداق ئەكىس تەسىر كۆرۈلمىدى. يىل ئاخىرىغىچە يەرلىك ۋاكسىنانىڭ تەييار ھالغا كېلىشى ئۈچۈن خىزمەتلەر داۋاملاشماقتا. (VLP) نى ئاساس قىلغان يەرلىك  ۋاكسىناسىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ھەر قايسى ۋارىيانتلىرىغا قارشى ئۈنۈمىگە ئالاقىدار تەتقىقاتلارمۇ داۋاملاشماقتا.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «ساياھەت ساھەسىدە چوڭ ياخشىلىنىش» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

رۇسىيە، گېرمانىيە ۋە فىرانسىيە تۈركىيەگە قارىتا ساياھەت چەكلىمىسىنى بىكار قىلغاندىن باشقا يەنە، 1-ئىيۇلدا باشلانغان نورماللىشىش ۋە قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش بىلەن تۈركىيەدە چوڭ ساياھەت باشلاندى. مىليونلىغان كىشى دېڭىز بويى رايونلىرىغا ساياھەتكە چىقتى، سەھىيە ساياھەتچىلىرىنىڭمۇ ئارشاڭلارغا قاراپ ئېقىشى بىلەن مېھمانخانىلار تولۇپ تاشتى. دۆلەت ئىچى ساياھەت بازىرى كۆرسەتكۈچى ساياھەتچىلىكتىكى ئەڭ ياخشى بىر يىل ھېسابلىنىدىغان 2019-يىلدىكى سانلىق كۆرسەتكۈچتىنمۇ ئېشىپ كەتتى. چەت ئەللىك ساياھەتچى بازىرىدا 50 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن مېھمانلار كۈتۈۋېلىندى.

«‹ستار› گېزىتى»، «يەرلىك ئۇچار ئاپتوموبىل «AirCar»  ئۈچۈن ۋاقىت مۇئەييەنلەشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

يەرلىك تېخنىكا شىركىتى «Softtech» ھەم مەبلەغ سالغۇچىسى، ھەم تەرەققىي قىلدۇرغۇچىسى بولغان ئۇچار ئاپتوموبىلنىڭ تۇنجى ئۈلگە تىپى بىلەن سىناق ئۇچۇشنى تاماملىدى. بىر يولۇچى بىلەن 80 كىلومېتىر، ئىككى يولۇچى بىلەن 50 كىلومېتىر مۇساپىغا بارالايدىغان توكلۇق ۋە %100 ئاپتوماتىك ئاپتوموبىلنىڭ 2025-يىلى ئىستانبۇل ئاسمىنىدا ئۇچۇشى پىلان قىلىنماقتا.

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، «مەملىكەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىدىن ياخشى باشلىنىش» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

2020-يىللىق توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە B گۇرۇپپىدا رىقابەتكە چۈشكەن مەملىكەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى خىتاينى 0 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن مەغلۇب قىلدى. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئولىمپىك چېمپىيونىنى مەغلۇب قىلغان مەملىكەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنى تەبرىكلىدى. مەملىكەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى بۇ گۇرۇپپىدا خىتايدىن باشقا يەنە، ئامېرىكا، ئارگېنتىنا، ئىتالىيە ۋە رۇسىيە كوماندىلىرى بىلەنمۇ مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر