05.07.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1669929
05.07.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «خەبەر تۈرك گېزىتى»، ئىستانبۇل خەلقىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19)  تەدبىرلىرى رامكىسىدا چىقىرىلغان قەدەممۇ قەدەم نورماللىشىش قارارلىرى بىلەن سىرتقا چىقىش چەكلىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بىرىنچى يەكشەنبە (2021-يىل 4-ئىيۇل) كۈنىدە، دېڭىز ساھىلى ۋە باغچىلاردا ۋاقىت ئۆتكۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، بىيونتېك (BioNTech) شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن پىروفېسسور دوكتور ئۇغۇر شاھىن ۋە رەپىقىسى دوكتور ئۆزلەم تۈرەجىنىڭ سابانجى ئۇنىۋېرستېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا، سىنلىق شەكىلدە قاتنىشىپ، خۇش خەۋەر يەتكۈزگەنلىكلىرىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئۇغۇر شاھىننىڭ، «ۋاكسىنا ئەملەشنىڭ ۋابانى كونترول ئاستىغا ئېلىشتا ياردەمچى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇ 4-3 ئاي ئىچىدە تۈركىيەدىمۇ ئەمەلگە ئاشىدۇ. ۋاكسىنا ئەملەش ئارقىلىق يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالالايمىز ھەمدە دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشنى ئازايتالايمىز» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

«ستار گېزىتى»، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتارنىڭ، «قىبرىستا چوڭ قىرغىنچىلىقلار ۋە زور ۋەقەلەر يۈز بەرگەن ئىدى. تۈركىيەنىڭ ياردىمى بىلەن بۈگۈنلەرگىچە يېتىپ كەلدۇق» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، فىرانسىيە كېڭەش پالاتاسى مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ، فىرانسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئۇرۇشىغا قارشى تەييار ھالغا كېلىشنى چاقىرىق قىلغان دوكلات تەييارلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، دوكلاتتا، تۈركىيە ياسىغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ قاراباغ، لىۋىيە ۋە سۈرىيەدىكى ئۇرۇشتا ئىشلىتىلگەنلىكى؛ تۈركىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە ئىشلەپچىقىرىپ، ئېكسپورت قىلىشنى باشلىغانلىقىنىڭ تىلغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«ساباھ گېزىتى»، دۇنيادا بور زاپاس مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغان تۈركىيەنىڭ، بۇ ماددىنىڭ ئىقتىسادقا بولغان پايدىسىنى ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، «بورېل ئەل دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى» نىڭ ئامېرىكا، لىيۇكسېمبۇرگ ۋە فىنلاندىيەگە ئېسكسپورت قىلىنىۋاتقانلىقى، ئوتتۇرا شەرقتىن كۆپ مىقداردا تەلەپ كەلگەنلىكى ۋە گېرمانىيە، ئەنگلىيە، گوللاندىيەنىڭ ئېكسپورت نىشان بازىرىغا ئايلانغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر