29.06.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1666583
29.06.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «خەبەر تۈرك گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئەنقەرە گۆلباشىدىكى «تۈركسات سۈنئىي ھەمراھى مەركىزىي» دە، مۇھىم سۆز قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، «دىجىتال دەۋرىنىڭ ئىمكانىيەتلىرىنى خەلقىمىزنىڭ خىزمىتىگە نۇرغۇن تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىن بالدۇر مۇۋەپپەقىيەت قازاندۇق. بولۇپمۇ، سانائەتتىن سودىغىچە، ئىجتىمائىي خىزمەتلەردىن مائارىپ ۋە خەلق ساقلىقىغىچە بولغان ساھەلەردە دىجىتال ئاساسىي ئۇل-ئەسلىھەلەرنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا قەتئىي قارارغا ئىگىمىز» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، ئەجزاجىباشى گۇرۇھى مۇدىرىيىتىنىڭ باشلىقى بۈلەنت ئەجزاجىباشىنىڭ، تۈركىيەنىڭ 2010-يىللارنىڭ دەسلەپكى يېرىمىغىچە دۇنيانىڭ پارلىغان يۇلتۇزى سۈپىتىگە لايىق شەكىلدە ئىقتىسادىي ئېشىشنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇندىن كېيىنمۇ ئوخشاش ئېشىشنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغان ئىقتىدارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ۋەتەن گېزىتى»، رۇسىيە-تۈركىيە سودا-سانائەتچىلەر كېڭىشى باشلىقى ئەھمەت پالانكويېۋنىڭ، رۇسىيەلىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مۇغلانىڭ ساياھەت مەركىزى بودرۇم ناھىيەسىگە 83 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىپ، يۈرۈشلەشكەن تەنتەربىيە ۋە كۆڭۈل ئېچىش مەركەزلىرىنى ئاچىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، 23-ئىيۇندىن 27-ئىيۇنغۇچە (2021) ئېچىلغان ياۋروپادىكى تۆت چوڭ يېزا ئىگلىك يەرمەنكىلىرىنىڭ بىرى بولغان ئىزمىر ئاگروئېكسپو (Agroexpo) خەلقئارالىق يېزا ئىگىلىكى ۋە چارۋىچىلىق يەرمەنكىسىدە، تۈركىيە شىركەتلىرىنىڭ 900 مىليون دوللاردىن ئاشىدىغان كېلىشىملەرنى ئىمزالىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە بىلدۈۈرلىشىچە، يەرمەنكىگە 100 دۆلەتتىن 774 شىركەت قاتناشقان بولۇپ، فىرانسىيە، رۇسىيە، ھىندىستان ۋە قاتار شىركەتلىرىنىڭ يەرمەنكىگە بولغان قىزىقىشى ئالاھىدە بولغان.

«ستار گېزىتى»، بىر قانچە ئايدىن بۇيان ياۋروپادىكى ئەڭ كۆپ ئايروپىلان سەپەرلىرىگە ساھىبخانلىق قىلغان ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىنىڭ، 25-26-27-ئىيۇن كۈنلىرى 100 مىڭدىن ئارتۇق يولۇچىنى كۈتۈۋالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.


خەتكۈچ: #ۋەتەن , #ستار

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر