24.06.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1663835
24.06.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ستار گېزىتى»، تۈركىيە مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىسى فۇئات ئوكتاينىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە داۋاملىشىۋاتقان لايىھەلەرنى تۈركىيەنىڭ داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئۆز ئالدىغا ئىش قىلالايدىغان ۋە ئىشلەپچىقىرىدىغان شىمالىي قىبرىسنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىشقا مەجبۇرمىز» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكارنىڭ تۈنۈگۈن (2021-يىلى 23-ئىيۇن) ئافغانىستان توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن كابۇل ئايرودۇرۇمى مەسىلىسى ئۈستىدە كۆرۈشىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ھۇلۇسى ئاكارنىڭ: «ئافغانىستاندا مۋجۇتلۇقىمىز بار، ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئەسكەر ئەۋەتىش مەسىلىسى يوق. مەقسىتىمىز ئافغانىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەسسە قوشۇشتۇر» دەپ ئېيتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

«ۋەتەن گېزىتى»، تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجانىڭ تۈنۈگۈن بىلىم كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن، ئەتە (2021-يىلى 25-ئىيۇن) دىن باشلاپ 18 ياشقا كىرگەن ھەممە كىشىلەرنى ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) ۋاكسىناسى بىلەن ئەملەش ئىشلىرىنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، فاھرەتتىن كوجانىڭ ھىندىستاندا كۆرۈلگەن ۋۇخەن ۋىرۇسى دېلتا ۋارىيانتىنىڭ، تۈركىيەدە 134 كىشىدە بايقالغانلىقىنى ئېيتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

«ساباھ گېزىتى»، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەزنىڭ تۈركىيەنىڭ تەبىئىي گاز مەنبەلىرىنى خىلمۇ خىللاشتۇرۇشنى، سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز لايىھەلىرى بىلەن ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، قاتناش مىنىستىرى ئادىل كارائىسمائىلئوغلۇنىڭ تۈنۈگۈن يەرلىك ۋە مىللىي شەكىلدە تەرەققىي قىلدۇرۇلغان 5G  تېخنىكىسى ئارقىلىق ئاۋازلىق كۆرۈشۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، مىنىستىر كارائىسمائىلئوغلۇنىڭ 5G غا خاس باشقۇرۇش، مۇلازىمەت ۋە يۇمتال مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى مۇساپىسىدە مۇھىم باسقۇچلارنى ئارقىدا قالدۇرغانلىقلىرىنى ئېيتقانلىقى قەيت قىلىندى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر