17.05.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1640715
17.05.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ساباھ» گېزىتى: «ئەردوغاننىڭ پەلەستىن ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى توغرىسىدىكى باياناتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «ساباھ» گېزىتىگە بايانات بەرگەنلىكىنى يازدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، «ئىسرائىلىيە دېگەن تېررور دۆلىتى تۆككەن بۇ قانغا قارىتا زۇۋان چىقارمىغانلار شۇنى بىلىپ قېلىشسۇنكى، كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ مۇساپە ئۇلارنىڭ بېشىغىمۇ كېلىدۇ» دېگەن ئەردوغان، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ ھەق – ھوقۇقىنىمۇ ئاداققىچە قوغدايمىز، ئەمما، شۇنىمۇ قوشۇپ قويايكى، ئۆزىمىزدىن باشقا ھېچكىمگە ئىشەنمەيمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلغان.

«ۋەتەن» گېزىتى:  «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئىسرائىلىيەنىڭ جىنايەتلىرىنى دەرھال كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈشى كېرەك» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستاپا شەنتوپنىڭ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىنگە قىلغان <توقۇنۇشلارغا خاتىمە بېرىش> توغرىسىدىكى چاقىرىقلىرىنىڭ كۇپايە قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ب د ت ئىسرائىلىيەنىڭ پۇقرالار قەتلىئاملىرىنى، دۆلەت تېررورىنى ۋە سادىر قىلغان ئىنسانلىق جىنايەتلىرىنى دەرھال كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈشى كېرەك» دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

«خابەرتۈرك» گېزىتى: «ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى ئالدىدا سۈكۈت قىلىپ تۇرۇشنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى فەرىدۇن سىنىرلىئوغلۇنىڭ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ئالدىدا سۈكۈتتە تۇرۇشىنى <قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقى> نى بىلدۈرۈپ: «پەلەستىنلىكلەر ئۈچۈن خەلقئارالىق قوغداش مېخانىزمى ئورنىتىلىشى كېرەك» دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى يازدى.

«يېڭى شەپەق» گېزىتى: «پەلەستىن ئۈچۈن لىۋىيە مودېلى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مايۇر ئادمىرال جىھات يايجىنىڭ، تۈركىيەنىڭ لىۋىيە بىلەن تۈزگەندەك پەلەستىن بىلەنمۇ دېڭىز ھوقۇقى كېلىشىمى تۈزۈش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى يازدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، تۈركىيەنىڭ دېڭىز ئارقىلىق پەلەستىن بىلەن قوشنا بولالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن مايۇر ئادمىرال جىھات يايجى: «بىزنىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى بىلەن 2011 – يىلى ئىمزالىغان دېڭىز تەۋەلىكىنى ئايرىش كېلىشىمى بۇنىڭ بىر مىسالى. بۇ كېلىشىم شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ب د ت ئەزاسى بولماسلىقىغا قارىماي كۈچكە ئىگە. ئوخشاشلا، پەلەستىن  بىلەنمۇ مۇشۇنداق بىر كېلىشىمنى ئىمزالاشقا بولىدۇ» دېگەن.

«ستار» گېزىتى: «ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەگە قىلغان ياردىمى ئادىمىيلىك ئەمەس» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەرگە قارشى ھۇجۇملىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيەسى كېڭەش پالاتا ئەزاسى بېرنىي ساندېرسنىڭ، ئىسرائىلىيەنى ھەر يىلى تەخمىنەن 4 مىليارد دوللار ھەربىي ياردەم بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «ئامېرىكانىڭ ياردىمىنى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىش قانۇنسىزدۇر. بىز چوقۇم جىددىي ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقى ئېلان قىلىشىمىز كېرەك» دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر