11.05.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1637910
11.05.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ھۆررىيەت» گېزىتى: «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پەلەستىن توغرىسىدا دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلارنى (ئۆتكۈزدى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىندە سادىر قىلغان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايىتى دۇنيانىڭ ئاساسلىق قىزىق نۇقتىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان بولسىمۇ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەيىبلەش باياناتلىرىنى ئېلان قىلىشتىن ھالقىپ بىرەر قەدەم تاشلىيالمىغانلىقىنى؛ مۇشۇنداق مۇھىم بىر پەيتتە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ قۇددۇس ۋە غەززەدىكى قەتلىئامنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، ئىيوردانىيە پادىشاھى ئىككىنچى ئابدۇللاھ بىلەن، ئارقىدىنلا كۇۋەيت ئەمىرى شەيخ نەۋۋاف ئەلئەھمەد ئەسساباھ بىلەن تېلېفونلاشقانلىقىنى يازدى.

«ساباھ» گېزىتى: «ئەردوغان خەلقئارا جەمئىيەتنى سەپەرۋەر قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇننىڭ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارادىكى بارلىق ئورگانلار ۋە دۆلەتلەرنىڭ دىققەت – نەزىرىنى ئىسرائىلىيەنىڭ دۆلەت تېررورلۇقىغا بۇراشقا مۇۋەپپەق بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا ئوتتۇرىغا قويغان: «دۇنيانىڭ بۇ زۇلۇم توغرىسىدا <ئۈچ مايمۇن> ئويۇنىنى ئوينىشىنى بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق تاماشا قىلىپ تۇرالمايمىز. پەلەستىننىڭ قەدەممۇقەدەم ئىشغال قىلىنىشىغا يول قويمايمىز» دېگەن سۆزلىرىگە ئورۇن بەردى.

«خابەرتۈرك» گېزىتى: «بەش پارتىيە ئىسرائىلىيەنى ئورتاق ئەيىبلىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى، خەلقلەرنىڭ دېموكراتىيەسى پارتىيەسى، مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى ۋە ئىيى (ياخشى) پارتىيەسى قاتارلىق پارتىيەلەرنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى)دىكى گۇرۇپپىلىرى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ مەسجىدى ئەقساغا قىلغان ھۇجۇمىنى ئەيىبلىگەنلىكىنى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ۋاقىت زايە قىلماستىن ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىغا قارشى ئۈنۈملۈك ھەرىكەت قوللىنىشى ئۈچۈن پۈتكۈل دۇنياغا چاقىرىق ئېلان قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

«يېڭى شەپەق» گېزىتى: «تۈركىيە ئىسرائىلىيەگە قارشى بىر قەلبكە ئايلاندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەتلىرىدە مىڭلارچە كىشىنىڭ تۈركىيە ۋە پەلەستىن بايراقلىرىنى لەپىلدەتكەن ھالدا، ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ مەسجىدى ئەقسادا پەلەستىنلىكلەرگە قىلغان ھۇجۇملىرىغا قارشى ئاپتوموبىللىق نامايىشلارنى ئۆتكۈزۈگەنلىكىنى ۋە دۇئالارنى قىلىش ئارقىلىق پەلەستىننى قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەنلىكىنى يازدى.

«ستار» گېزىتى: «تۈركىيە ئۈچۈن لىۋىيەدە ناھايىتى ياخشى پۇرسەتلەر بار» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىيەنىڭ ترابلۇستا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كەنئان يىلمازنىڭ بايانات بېرىپ، تۈركىيە – لىۋىيە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى يۆنىلىش بويىچە ئىلگىرىلەيدىغانلىقىنى ۋە لىۋىيەدە تۈرك سودا – سانائەتچىلەر ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى پۇرسەتلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئىقتىسادىي ساھەدە تۈرك سودا – سانائەتچىلىرىمىز، ئېكسپورتچىلار ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارغا ناھايىتى ياخشى پۇرسەتلەر بار. ئۇلارنىڭ لىۋىيەگە كېلىشى ئۈچۈن مەن تەكلىپنامە ئەۋەتىمەن» دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر