27.04.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلانغان خەۋەرلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1629116
27.04.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «خەبەر تۈرك گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈنۈگۈن (2021-يىلى 26-ئاپرېل) كابېنت يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ ئاتالمىش 1915-يىل ۋەقەلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغانلىقىغا قارشى «مۇۋازىنەتسىز، ئادالەتسىز ئاتاش» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «تۈرككە، تۈرك مىللىتىگە ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› تامغىسىنى ئۇرالمايسىلەر» دېگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

«ساباھ گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇننىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ 1915-يىل ۋەقەلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، فاھرەتتىن ئالتۇننىڭ، «ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ ئاتالمىش ئىرقىي قىرغىنچىلىق يالغانلىرىنى رەت قىلىمىز. تەلەيسىز ۋە ھەددىنى بىلمىگەن بايانات سۈپىتىدە كۆرىمىز» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇنىڭ تۈنۈگۈن تۋىتتېردا ئۇچۇر ھەمبەھىرلەپ، 26-ئاپرېلدا 2 مىڭ 550 خادىمنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا باشلانغان «5-ئەرەن باگوك» ھەربىي ھەرىكىتى رامكىسىدا، ماردىننىڭ نۇسايبىن كورۇكۆي يېزىسىدا 50 كىلوگىرام پلاستىك پارتلىغۇچ ۋە سۇنئىي ئۇسۇلدا ياسالغان پارتلاتقۇچلارنى قولغا چۈشۈرگەنلىكلىرىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ستار گېزىتى»، سانائەت ۋە تېخنولوگىيە مىنىستىرى مۇستافا ۋارانكنىڭ تۈنۈگۈن تۋىتتېردا ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ ياساش سانائىتى ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىش نىسبىتىنىڭ ئاپرېل ئېيىدا (2021) بىر ئاي ئىلگىرىكىگە قارىغاندا %0.6 ئېشىپ %76.2 كە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر