26.04.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1628387
26.04.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹ۋەتەن› گېزىتى»، «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاندىن چاناققەلئە سىگنالى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى  ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، چاناققەلئە ئۇرۇشلىرىنىڭ 106 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، «چاناققەلئە روھىنى ياشىتىشنى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ كېلەچىكىنى تېخىمۇ قۇدرەت تاپقۇزۇشنى قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»،  «تېررورلۇق نىشانلىرى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئۇنسۇرلىرىغا قارىتىلغان «پەنجە – چاقماق» ۋە «پەنجە گۈلدۈرماما» ھەربىي ھەرىكەتلىرى داۋاملاشماقتا. تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «<پەنجە – چاقماق> ۋە <پەنجە -  گۈلدۈرماما> ھەربىي ھەرىكەتلىرى دائىرىسىدە، تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىغا كىرىلدى، ھاۋا ئارمىيەمىز تېررورلۇق نىشانلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتى» دېيىلدى.

«‹ستار› گېزىتى»، «تاتار: <تۈركىيە بۇ يەردە سۆز ساھىبىدۇر، ھەق – ھوقۇقلىرىمىزنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا يول قويمايدۇ> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار، گىرېتسىيەدە چىقىدىغان «‹Kathimerini› گېزىتى» بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە،  تۈركىيە بىلەن كۆپ يۆنىلىشلىك مەنپەئەتلىرىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەپ، «تۈركىيە قۇدرەتلىك بىر دۆلەتتۇر، بۇ دۆلەتنىڭ كاپالەتچىسىدۇر، ئانا ۋەتىنىدۇر، بۇ يەردە سۆز ساھىبىدۇر،  ھەق – ھوقۇقلىرىمىزنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا يول قويمايدۇ» دېدى.

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «ئاقسۇنگۇردىن مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەت» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى ئورگىنىنىڭ باشلىقى ئىسمائىل دەمىر، ئاقسۇنگۇر قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ، تۇنجى قېتىم 340 كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى « KGK-SİHA-82» نى 30 كىلومېتىرلىق مۇساپىدىكى نىشانغا مۇۋەپپەقىيەتلىك تەگكۈزگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

«‹ساباھ› گېزىتى»،  «مىللىي چېلىشىش ماھىرى رىزا قايالپ 10-قېتىم ياۋروپا چېمپىيونى بولدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

مىللىي چېلىشىش ماھىرى رىزا قايالپ، ياۋروپا چېلىشىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە، 130 كىلوگىراملىقلار بويىچە،  گىرۇزىيەلىك رەقىبى لاكوبى كاجاجانى يېڭىپ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى ۋە كەسپىي ھاياتىدا 10-قېتىم ياۋروپا چېمپىيونى بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر