08.04.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1617161
08.04.2021

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى زېلېنسكىي تۈركىيەگە كېلىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئۇكرائىنا-روسىيە چېگراسىدا جىددىيلىك داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە،  ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكي 10-ئاپرېلدا تۈركىيەگە كېلىدىغان بولدى. يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق كېڭىشى دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان زىيارەتتە، ئۇكرائىنا رەھبىرى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشىدۇ.

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»،  «خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى ئەلۋان G-20 مىنىستىرلار يىغىنىغا قاتناشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى لۇتفى ئەلۋان G-20 دۆلەتلىرى گۇرۇھى مىنىستىرلار يىغىنىغا قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىق جانلىنىشتىكى تەسىرى ئۈستىدە توختالدۇق، تۆۋەن كىرىملىك ​​دۆلەتلەرنى قوللاش توغرىسىدا كونكرېت قارارلار ماقۇللىدۇق» دېدى.

«‹ستار› گېزىتى»، «گېرمانىيەنىڭ <فىرانكفورتېر ئالگېمېين زېيىتۇڭ گېزىتى>، تۈركىيەنىڭ .ئاپتوموبىلى، تېسلا، <Volkswagen> ۋە باشقا رەقىپلىرىگە دوئېل ئېلان قىلىدۇ، دەپ يازدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

گېرمانىيەنىڭ كۈندىلىك گېزىتلىرىدىن <فىرانكفورتېر ئالگېمېين زېيىتۇڭ گېزىتى> نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: تۈركىيەنىڭ ئاپتوموبىل تەشەببۇسى  گۇرۇپپىسى (TOGG)  تەرىپىدىن ئېشلەپ چىقىرىلىش ئالدىدا تۇرغان توكلۇق ئاپتوموبىل بىر قېتىم توك قاچىلاش بىلەن 500 كىلومىتىردىن ئارتۇق يول يۈرۈشنى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، تېسلا، <Volkswagen> ۋە باشقا بارلىق رەقىپلىرىگە دوئېل ئېلان قىلماقتا.

«‹ۋەتەن› گېزىتى»،  «مىنىستىر قارائىسمائىلئوغلۇ ئېلان قىلدى: ماينىڭ بىرىنچى ھەپتىسى ..» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھە مىنىستىرى ئادىل قارائىسمائىلئوغلۇ: «5-ئاينىڭ بىرىنچى ھەپتىسى تۈركسات 5A سۇنئىي ھەمراھىمىز 31 گرادۇس شەرق ئوربىتىسىغا يېتىپ بېرىدۇ، تۈركسات 5B ئالاقە سۈنئىي ھەمراھىمىزنىمۇ مۇشۇ يىلنىڭ تۆتىنچى پەسىلدە ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىمىز» دېدى.

«‹ساباھ› گېزىتى»،   «بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ ئېيىدا 18 مىليون يولۇچىغا مۇلازىمەت قىلىندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيەدە كوۋىد-19 يۇقۇمىغا قارشى تەدبىلەر ئېلىنغان ئايرودورۇملاردا بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ ئېيىدا 18 مىليونغا يېقىن يولۇچىغا مۇلازىمەت قىلىندى.  يۇقىرى سۈرئەتلىك ئۆتكەلنى بويلاپ جەمئىي 238 مىڭ 448 ئايروپىلان قاتنىشى ئىشقا ئاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر