02.04.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1613469
02.04.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ستار» گېزىتى: «تۈركىيە بۇنىڭ كۈچلۈك قەھرىمانى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش دىرېكتورى تېدروس ئادانوم گېبرېيۇسنىڭ تۈركىيەنى مەدھىيەلەپ، ئۇنىڭ 2021 - يىلىنىڭ خەلقئارا سەھىيە خىزمەتچىلىرى يىلى بولۇشىنىڭ «كۈچلۈك قەھرىمانى» بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى يازدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، گېبرېيۇس سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجامۇ تەكلىپ قىلىنغان يىغىندا سۆز قىلىپ، تۈركىيەنىڭ يۇقۇمنىڭ بۇ قىيىن مەزگىلىدە ساقلىقنى ساقلاش خادىملىرىغا ۋاكسىنا ئەملىگەنلىكىدىن خۇشال بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تۈركىيەنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 2021 - يىلىنى «سەھىيە خىزمەتچىلىرى يىلى» دەپ ئېلان قىلغانىدى.

«ھۆررىيەت» گېزىتى: «ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يېڭى دەۋر» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسدا ئىمزالانغان كىملىك بىلەن ساياھەت قىلىش كېلىشىمىنىڭ تۈنۈگۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولغانلىقىنى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ: «جانىجان ئەزەربەيجاننى پەقەت كىملىك بىلەنلا ساياھەت قىلىش مۇمكىن بولىدۇ، پۇقرالىرىمىز ۋە ئەزەربەيجانلىق قېرىنداشلىرىمىزغا خەيرىلىك بولسۇن» دېگەنلىكىنى يازدى.

«يېڭى شەپەق» گېزىتى: «مارتتا تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى ئايلىق ئېكسپورت مىقدارى يارىتىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) سودا مىنىستىرى رۇھسار پەكجاننىڭ: «مارتتا ئېكسپورت 2020 - يىلىنىڭ ئوخشاش ئېيىغا سېلىشتۇرغاندا %42.2 ئېشىپ، 18 مىليارد 985 مىليون دوللارغا يەتتى. تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى ئايلىق ئېكسپورت مىقدارى يارىتىلدى» دېگەن سۆزلىرىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

«خابەرتۈرك» گېزىتى: «TOGG قا دۇنياغا داڭلىق لايىھەلەش ماھىرى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىيە ئاپتوموبىل گۇرۇھى (TOGG) نىڭ، ۋولكىسۋاگېن ۋە مېرسىدىس - بېنىزنىڭ سابىق باش لايىھەلىگۈچىسى مۇرات گۈناكنىڭ لايىھەلەش رەھبىرى سۈپىتىدە ئۆز ئەترىتىگە قېتىلغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

«ساباھ» گېزىتى: «تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى — THY  كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 755 نۆۋەتچى ئايروپىلان بىلەن ياۋروپادىكى رەھبەرلىك ئورنىنى ساقلاپ قالماقتا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ياۋروپا ئاۋىياتسىيە يول باشلاش بىخەتەرلىك تەشكىلاتىنىڭ 31 - مارتتىكى ئاۋىياتسىيە قاتنىشى دوكلاتىدا، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى (THY) نىڭ كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 755 قېتىم قاتناش ئارقىلىق ياۋروپادىكى رەقىبلىرىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنىڭ قەيت قىلىنغانلىقىنى يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر