01.04.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1612644
01.04.2021

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»،  «ئەردوغان: <روزا ھېيتتىن كېيىن شۇشانى زىيارەت قىلىمەن> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈرك كېڭىشىنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، «قاراباغدا تۈرك يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن بارلىق ئىمكانىيەتلىرىمىز بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ يېنىدا تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىشىمىز ئىنتايىن مۇھىم. روزا ھېيتتىن كېيىن بالدۇرراق شۇشانى زىيارەت قىلىپ، يېڭى بىر بايرام ئويناشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

«‹ساباھ› گېزىتى»، «تۈركىيە ئامېرىكىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكانىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدىكى سەتچىلىككە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى. باياناتتا، «دېموكراتىيەمىزگە قەست قىلغان، يۈزلىگەن پۇقرالىرىمىزنى شېھىت قىلغان، 15-ئىيۇلدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنۇش جىيانىتىنى سادىر قىلغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بۇ يىلمۇ دوكلاتتا <گۈلەن ھەرىكىتى> دەپ تىلغا ئېلىنىشى، ئامېرىكانىڭ بۇ تېرورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى ھەققانىي كۈرىشىمىزنى تېخىچە چۈشىنىەلمىگەنلىكىنى، بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئالاقىدار بىز ئوتتۇرىغا قويغان كونكېرت دەلىل – پاكىتلارنى  كۆرمەسكە سېلىۋاتقانلىقىنى ۋە دوكلاتنى تەييارلىغاندا يەنە شۇ مەلۇم كىشىلەرنىڭ سۇيىئىستېمال ئوبېكتى بولغانلىقىنى نامايان قىلماقتا» دېيىلدى.

«‹ستار› گېزىتى»  «مىنىستىر ۋارانك يەرلىك ۋاكسىنا ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

سانائەت ۋە تېخنىكا مىنىستىرى مۇستافا ۋارانك يېڭى يەرلىك ۋاكسىنا تەتقىقاتى ئۈستىدە توختىلىپ، «ئەگەر بارلىق باسقۇچلار مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانسا، يىل ئاخىرىدا 50 مىليون ئىشلەپچىقىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ۋاكسىنا كاندىداتىمىز بولىدۇ» دېدى.

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «فاتىھ بۇرغىلاش پاراخوتى تۈركالى 2- قۇدۇقىدا 3950 مېتىر چوڭقۇرلۇققا يەتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

 فاتىھ بۇرغىلاش پاراخوتى ساكارىيا تەبىئىي گاز ساھەسىدىكى ئىككىنچى چوڭقۇر بايقاش قۇدۇقى بولغان تۈركالى 2 - قۇدىقىدا 3950 مېتىر چوڭقۇرلۇققا يېتىپ بېرىپ، خىزمىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغانلىقى بىلدۈردى.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىدىن يولۇچىلارغا ھەقسىز مۇلازىمەت» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى يولۇچىلارنىڭ «PressReader» ئەپى ئارقىلىق ئوخشىمىغان دۆلەتلەردە ئېلان قىلىنغان ھەر خىل گېزىت-ژۇرناللارنى ھەقسىز كۆرەلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. يولۇچىلار ئۇچۇشتىن 24 سائەت بۇرۇن باشلانغانچە، سەپەر ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى 24 سائەتكىچە ئەپتىكى بارلىق ماتېرىياللارغا ھەقسىز ئېرىشەلەيدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر