18.02.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1586005
18.02.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «خەبەرتۈرك گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ كابېت يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، قەدەممۇ قەدەم نورماللىشىش مۇساپىسىنى باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، «سەھىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ شەرتلىرى بويىچە ۋىلايەتلىرىمىزنى تۆت گۇرۇپپىغا ئايرىپ، مارت ئېيى بېشىدىن تارتىپ قەدەممۇ قەدەم نورماللىشىش مۇساپىسىنى باشلايمىز. بۇنىڭغا ئاساسەن، ۋىلايەتلىرىمىزنى تۆۋەن، ئوتتۇرا ۋە ئەڭ يۇقىرى خەتەرلىك دەپ گۇرۇپپىغا ئايرىيمىز. نورماللىشىشنى مۇشۇ بويىچە ئىجرا قىلىمىز» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، ئەنگلىي تاراتقۇلىرىدا تۈركىيەدە ياسالغان ھەربىي ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇنازىرە قىلىنىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «تېلېگراف گېزىتى» دە، ئەزەربەيجاننىڭ تاغلىق قاراباغدا قولغا كەلتۈرۈلگەن غەلىبىلىرىنىڭ ئارقىسىدا، تۈركىيەدە ياسالغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ بارلىقى خەۋەر قىلىندى.

«ستار گېزىتى»، تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ گىرېتسىي تەرىپىدىن تېلېفونلىرى ۋە پۇللىرى تارتىۋېلىنغاندىن كېيىن، مەجبۇرىي ھالدا قانۇنسىزلىق بىلەن تۈركىيەگە قوغلىۋېتىلگەن ۋە توڭلاپ قېلىش خەتىرى ئاستىدىكى كۆچمەنلەرنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ساباھ گېزىتى»، قاتناش مىنىستىرى ئادىل كارائىسمائىلئوغلۇنىڭ قويۇپ بېرىلگەن «5A- تۈركسات» سۈنئىي ھەمراھى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئادىل كارائىسمائىلئوغلۇنىڭ، «سۈنئىي ھەمراھنىڭ بارلىق ئەسلىھەلىرىدە ھازىرغىچە ھېچقانداق مەسىلە كۆرۈلمىدى. سۈنئىي ھەمراھ ئوربېتاسىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئوربېتا سىنىقى قىلىنىدۇ ۋە ئىيۇن ئېيىدىن باشلاپ خىزمەت بېرىشنى باشلايدۇ» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر