26.01.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1571134
26.01.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ساباھ گېزىتى»، تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى61-قېتىملىق ئىزدىنىش ئۇچرىشىشلىرىنىڭ تۈنۈگۈن (2021-يىلى 25-يانۋار) ئىستانبۇلدىكى دولماباھچە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىننىڭ تۋىتتېردا ئۇچۇر ھەمبەھىرلەپ: «ئەگەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش مۇمكىندۇر» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

«ستار گېزىتى»، رۇسىيەنىڭ «Sputnik V» ۋاكسىناسىنى تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن كېلىشىم ئىمزالانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ۋىسكوران (VisCoran) دورا سانائەت مۇدىرىيىتىنىڭ باشلىقى ئۆزتۈرك ئوراننىڭ: «تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە سەھىيە مىنىستىرلىقىدىكى رەسمىيەتلەر ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىشلىتىش رۇخسىتى ئېلىنىدۇ. ئارقىدىنلا تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىش باشلىنىدۇ» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى چەت ئەللەردە تۈركىيەنى تونىتىش ئۈچۈن 19 داڭلىق پىروگرامما رىياسەتچىسىنىڭ تاللانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

تىزىملىكتە ماستېرچېف پىروگراممىسى بىلەن تونۇلغان سومەر سىۋرىئوغلۇ، كەمال دەمىراسال، تۇز چېچىش ھەرىكىتى بىلەن دۇنياغا تونۇلغان قاسساپ نۇسرەت گۆكچە، فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا نامىنى چىقارغان ئايلىن يازىجىئوغلۇ ۋە تېلېۋىزىيە يېمەك-ئىچمەك پىروگراممىلىرىدا تونۇلغان ئاردا تۈركمەن قاتارلىق كىشىلەرنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، رىزەدىن ئۆتكەن يىلى (2020) 30 دۆلەتكە 3 مىڭ 64 توننا چاي ئېكسپورت قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، رىزەدىن 2020-يىلى ئېكسپورت قىلىنغان چاي مىقدارىنىڭ 2019-يىلىغا سېلىشتۇرۇلغاندا %8، قىممىتى جەھەتتىن بولسا %5 ئاشقانلىقى ئەسكەرتىلدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر