25.01.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1570422
25.01.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ۋەتەن» گېزىتى: «دېڭىز چارلاش ئايروپىلانى تۇنجى ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئەسلىھەلىرىگە قاتارىغا سەپلەنگەن TCB - 751 قۇيرۇق نومۇرلۇق P - 72 دېڭىز چارلاش ئايروپىلانىنىڭ تۈنۈگۈن تۇنجى ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلدى. ۋەزىپە ئىجرا قىلىنغانلىقىنى يازدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال ياشار گۈلەر ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى قوماندانى گېنېرال ئۈمىد دۈندار بىلەن بىرلىكتە ئايروپىلاننى كۆزدىن كەچۈرگەن.

«يېڭى شەپەق» گېزىتى: «مىنىستىر دۆنمەز: فاتىھ بۇرغىلاش پاراخوتى يېڭى بېكىتىدە (دېدى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەزنىڭ تۈنۈگۈن بايانات بېرىپ، فاتىھ بۇرغىلاش پاراخوتىنىڭ قارا دېڭىزدىكى يېڭى بېكىتى بولغان تۈركئالى-2 قۇدۇقىغا يېتىپ بارغانلىقىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «پاراخوتىمىز تەييارلىقلارنى تاماملىغاندىن كېيىن ساكاريا تەبىئىي گازلىقىدىكى خىزمىتىنى باشلايدۇ، قارا دېڭىز فاتىھى خىزمىتىنى ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

«ستار» گېزىتى: «ترابزون قارا دېڭىزنىڭ 2020 - يىللىق ئېكسپورتىدا ئالدىنقى ئورۇننى ئىگىلىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، شەرقىي قارا دېڭىز ئېكسپورتچىلار بىرلەشمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، بۇلتۇر قارا دېڭىزدىكى 18 ئۆلكىدىن تۆت مىليارد 486 مىليون 225 مىڭ 629 دوللارلىق مەھسۇلات ئېكسپورت قىلىنغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ترابزوننىڭ 1 مىليارد 60 مىليون 807 مىڭ 778 دوللارلىق ئۈلۈش بىلەن رايون ئېكسپورتىنىڭ %24 نى ئىگىلەپ، بىرىنچى قاتاردىن ئورۇن ئالغانلىقىنى يازدى.

«خابەرتۈرك» گېزىتى: «دەمىرجىنىڭ قولدا توقۇلغان گىلىمى يىراق شەرق بازىرىغا قاراپ يولغا چىقتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مانىسانىڭ دەمىرجى ناھىيەسىنىڭ قولدا توقۇلغان گىلەملىرىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە ياۋروپا بازارلىرىدىن كېيىن، خىتاي ۋە ياپونىيە بازارلىرىغىمۇ ئەۋەتىلىشكە باشلىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارغا ئورۇن بەردى.

«ھۆررىيەت» گېزىتى: «مەسئۇت ئۆزىل رەسمىي يوسۇندا فەنەرباھچەدە» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، فەنەرباھچە كوماندىسىنىڭ مەسئۇت ئۆزىل بىلەن ئۈچ يېرىم يىللىق توختام ئىمزالىغانلىقىنى «بىر ئارزۇ ئەمەلگە ئاشتى» ماۋزۇلۇق بىر بايانات ئارقىلىق ئېلان قىلغانلىقىنى يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر