ئەزەربەيجان خانكەندىدىكى ئەرمەنلەر دەۋرىدە سېلىنغان پارلامېنت بىناسىنى چېقىۋەتتى
ئەزەربەيجان ئەرمەنلەر قاراباغ ئىشغالىيىتى مەزگىلىدە خانكەندىدە قۇرغان پارلامېنت بىناسىنى چېقىۋەتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان ھۆكۈمىتىنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، 1994-يىلى قاراباغدىكى ئاتالمىش ئەرمەن ئەرمېنىيە ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن سېلىنغان ۋە 2009-يىلى رېمونت قىلىنغان «پارلامېنت» ۋە «پېشقەدەم ئەسكەرلەر» بىنالىرىنى چېقىش خىزمەتلىرى باشلاندى.
ئىشغالىيەت مەزگىلىدە، ئەرمەنلەر تەرىپىدىن خانكەندىنىڭ مەركىزىدىكى مەيدانغا سېلىنغان ئۈچ قەۋەتلىك بىنادا ئۆزلىرىنى ئاتالمىش «پارلامېنت ئەزاسى» دەپ ئاتىۋالغان 33 ئەرمەن ئىشلەۋاتاتتى.
ھازىر چېقىلىۋاتقان «پېشقەدەم ئەسكەرلەر» بىناسى 2013-يىلى سېلىنغان بولۇپ، ئەرمېنىيەنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى پىرېزىدېنتى سېرج ساركىسيان بىنانىڭ ئېچىلىشىغا قاتناشقانىدى.
ئەزەربەيجان ھۆكۈمىتى ئىشغالىيەت دەۋرىدە ئەرمەنلەر تەرىپىدىن خانكەندىدە قانۇنسىز سېلىنغان بىنالارنى چېقىپ، شەھەرنىڭ تارىخىي ئىمارەتلىرىنى رېمونت قىلىشقا تىرىشماقتا.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.