تاتار بەزى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ غەززە مەسىلىسىدە ئىككى يۈزلىمىچىلىك قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار بەزى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا ئىككى يۈزلىمىچىلىك قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

2110032
تاتار بەزى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ غەززە مەسىلىسىدە ئىككى يۈزلىمىچىلىك قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: -نۆۋەتلىك ئانتاليا دىپلوماتىيە مۇنبىرىگە ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن كەلگەن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتارغا ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ «ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە سادىر قىلغان جىنايەتلىرى دەلىل ماھىيىتىدىكى  رەسىملەر بىلەن نامايان قىلىپ بېرىلگەن <ئىسپات>» ناملىق كىتابى تەقدىم قىلىندى.

كىتابتىكى سۈرەت ۋە ئۇچۇرلارغا كۆز يۈرگۈرتكەن تاتار، كىتابنى كۆرۈپ، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى قىرغىنچىلىقى ۋە ۋەھشىيلىكىدىن يەنە بىر قېتىم ھەيران قالغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە ياردەم كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان پۇقرالارغا قىلغان ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى ۋە غەززەدە 30 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى «قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقى»نى قەيت قىلدى.

غەززە مەسىلىسىدە «قوش ئۆلچەم» قوللىنىلغانلىقىغا شاھىت بولغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان تاتار: «غەززەدىكى قىرغىنچىلىقنى ئويلىغىنىمىزدا، دۇنيادىكى بەزى چوڭ كۈچلەرنىڭ ئىككى يۈزلىمىچىلىك قىلىپ، قوش ئۆلچەم قوللانغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە كۆرۈنگەن مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، بىر ئەۋلادنى قىرغىن قىلىشقا تۇتۇشقانلىقىنى كۆردۇق. بۇنىڭغا قاراپ، مەن دۇنيانىڭ كەلگۈسىدىن ئەنسىرەۋاتىمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر