جەيھۇن بايراموۋ ئەرمېنىيەلىك مەنسەپدېشى بىلەن گېرمانىيەدە كۆرىشىدۇ
ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋ ۋە ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارارات مىرزوياننىڭ تىنچلىق كېلىشىمى سۆھبىتى دائىرىسىدە، گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندا ئۇچرىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەمەلدارلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، بايراموۋ، مىرزويان ۋە گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالىنا بايېربوك بىرلىكتە ئۈچ تەرەپلىك ئۇچرىشىش ئۆتكۈزىدىكەن.
بايېربوكنىڭ دەسلەپتە ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مىرزويان بىلەن، ئاندىن ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بايراموۋ بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مېھمانخانىسى <ۋىللا بورسىگ> دا ئايرىم- ئايرىم كۆرىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
بۇ ئۇچرىششتىن كېيىن، ئۈچ تەرەپ يىغىنى ئېچىلىدۇ.
گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 60-نۆۋەتلىك مىيۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنىدا ئۇچراشقان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ۋە ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنياننىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، بايراموۋ بىلەن مىرزوياننىڭ 28-فېۋرالدىن 29-فېۋرالغىچە ئۇچرىشىش ئۆتكۈزىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.