ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ سايلام غەلىبىسىنى تەبرىكلىدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ تۈنۈگۈن (7-فېۋرال) كى سايلامدا ئۇتۇققا ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئەردوغان ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن.
سۆھبەتتە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەلىيېۋنىڭ پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا غەلبە قىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
ئەردوغان سۆھبەتتە ئەلىيېۋنىڭ قايتا پىرېزىدېنت بولۇپ سايلىنىشىنىڭ ئەزەربەيجان ئۈچۈن خەيرىلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
4 مىليون 971 مىڭ سايلىغۇچى ئاەۋاز تاشلىغان ۋە قاتنىشىش نىسبىتى %76.73 كە چىققان سايلامدا، ئىلھام ئەلىيېۋ %92.1 ئاۋازغا ئېرىشىپ قايتا سايلاندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.