ئەلىيېۋ 5-نۆۋەتلىك سايلامدا غەلىبە قىلدى
ئەزەربەيجاندا پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقى تەبرىكلەندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجاندا تۈنۈگۈن (7-فېۋرال) ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ جاكارلىنىشى بىلەن، پايتەخت باكۇ خەلقى شەھەر مەركىزىگە سەل بولۇپ ئاقتى.
كاسپىي دېڭىزى قىرغىقىدىكى مىللىي باغچىدا، ھەيدەر ئەلىيېۋ مەركىزىنىڭ ئالدى ۋە فەۋۋارىلەر مەيدانىدا توپلانغان ئامما، ھەر خىل پائالىيەتلەر بىلەن پىرېزىدېنت ئەلىيېۋنىڭ سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
ئەزەربەيجان خەلقى يەتتە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان يېڭى پىرېزىدېنتنى سايلاش ئۈچۈن ئاۋاز تاشلىدى.
ئەزەربەيجان مەركىزىي سايلام كېڭىشىنىڭ باشلىقى مەزاھىر پەناخوۋ بىرەسمىي نەتىجىلەرگە ئاساسەن ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ %92.1 ئاۋازغا ئېرىشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ئەزەربەيجاندا 21 يىلدىن بۇيان پىرېزىدېنت بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئىلھام ئەلىيېۋ بۇ قېتىمقى سايلامدىمۇ زەپەر قۇچۇپ، 5-نۆۋەت پىرېزىدېنت بولۇشنىڭ سالاھىيىتىگە ئېرىشتى. ھەيدەر ئەلىيېۋ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، 2003-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان ئىلھام ئەلىيېۋ، «غالىب خەلقنىڭ غالىب رەھبىرى» شوئارى بىلەن قاتناشقان بۇ سايلامدىمۇ غەلىبە قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجاندا 5.2 بال يەر تەۋرىدى
ئەزەربەيجان يەر تەۋرەش مۇلازىمەت مەركىزى يەر تەۋرەش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.