ئۈستئەل: بىزنىڭ پەلەستىنگە ئوخشىمايدىغان تەرىپىمىز تۈركىيەنىڭ ئانا ۋەتىنىمىز بولۇشىدۇر

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى ئۈنال ئۈستئەل: «بىزنىڭ پەلەستىنگە ئوخشىمايدىغان تەرىپىمىز تۈركىيەنىڭ ئانا ۋەتىنىمىز بولۇشىدۇر» دېدى.

2098271
ئۈستئەل: بىزنىڭ پەلەستىنگە ئوخشىمايدىغان تەرىپىمىز تۈركىيەنىڭ ئانا ۋەتىنىمىز بولۇشىدۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك دۆلەت مەجلىسى مۇداپىئە كومىتېتى ئەزالىرىنى قوبۇل قىلغان ئۈنال ئۈستئەل خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئاق دېڭىزنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان غەززەدە ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پەلەستىنلىكلەرنى قىرغىن قىلىشىنى ئىنكاسسىز تاماشا قىلىپ تۇرۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «بىزنىڭ پەلەستىنگە ئوخشىمايدىغان يېرىمىز شۇكى، تۈركىيە بىزنىڭ ئانا ۋەتىنىمىز. ئەگەر 1974-يىلىدىكى قىبرىس تىنچلىق ھەرىكىتى بولمىغان بولسا ئىدى، بىزمۇ بولمىغان بولاتتۇق» دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ غەززەدىكى قىرغىنچىلىقلارغا قارشى تۇرۇش چاقىرىقلىرىغا قۇلاق يۇپۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى  بىلدۈرگەن ئۈستئەل، بۇ ئەھۋالغا تۈركىيە ۋە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قارشى چىققانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تۈركىيەنىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدىن ھېچقاچان ھېچنېمىسىنى ئايىمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئۈستئەل، دۆلىتىگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولارنى تەنقىدلەپ، دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى تۈركىيە ئارقىلىق كاپالەتكە ئىگە قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر