خىتاي ئۈچتۇرپاندا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە ئۆلۈم-يېتىمنىڭ ئازلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

ئاقسۇ ئۈچتۇرپاندا 22-يانۋار (2024) يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە ئۈچ كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى، بەش كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

2092677
خىتاي ئۈچتۇرپاندا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە ئۆلۈم-يېتىمنىڭ ئازلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي يەر تەۋرەش تورى مەركىزى (CENC) تەۋرەش مەركىزى ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۈچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ 50 كىلومېتىر غەربىدە 7.1 بال يەر تەۋرىگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

يەرلىك مەنبەلەردىن ئېلىنغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، قىرغىزىستان ۋە قازاقىستان چېگراسىغا يېقىن تاغلىق رايوندىكى يامانسۇ يېزىسىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە، دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا قارىغاندا، ئۈچ كىشى جېنىدىن ئايرىلىپ، بەش كىشى يارىلانغان. قىرغىزىستان ۋە قازاقىستان چېگراسى بويىچە سوزۇلغان تەڭرى تېغىنىڭ ئېتەكلىرىدە، نوپۇسى شالاڭ بولغان يەر تەۋرەش مەركىزىگە 20 كىلومېتىر كېلىدىغان بەش يېزا كۆپ ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان.

بىلدۈرۈلىشىچە، ئاپەت رايونىدا 47 ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بولۇپ، 120 دىن ئارتۇق نۇرغۇن پارنىك ۋە مال قوتانلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.

رايوندىكى يەر تەۋرەش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ يوڭجيۇ يەر تەۋرەشنىڭ دېڭىز يۈزىدىن 3 مىڭ مېتىر ئېگىزلىككە جايلاشقان، نوپۇسى شالاڭ بولغان جايدا يۈز بېرىشىنىڭ، ئاپەتنىڭ بۇزغۇنچىلىق تەسىرىنى ئازايتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «7.1 بال شىددەتلىك يەر تەۋرەش ھېسابلىنىدۇ، ئەمما ئۆلۈم-يېتىم ۋە يارىلانغانلار كۆپ ئەمەس» دېدى.

بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ئاقسۇ شەھىرىدىن باشقا، قەشقەر، خوتەن ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردە، ئۇيغۇرلارغا قوشنا قىرغىزىستان، قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ ھېس قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر