ئاقسۇ ئۈچتۇرپاندا يەر تەۋرىدى
تەۋرەش مەركىزى ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۈچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئاقيار بازىرى بولغان يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەتقىقاتلار ئىدارىسى ئاقسۇدىكى يەر تەۋرەشنىڭ 7 بال ئىكەنلىكىنى، خىتاي يەر تەۋرەش تورى مەركىزى (CENC) 7.1 بال ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
قەيت قىلىنىشىچە، يەر تەۋرەش مەركىزى ئۈچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئاقيار يېزا بازىرى بولۇپ، قىرغىزىستان بىلەن قازاقىستان چېگراسى ئەتراپىدىكى تاغلىق رايوندا يەردىن 22 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا يۈز بەرگەن.
يەر تەۋرەشتە ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىسى كۆرۈلۈپ-كۆرۈلمىگەنلىكى توغرىسىدا ھازىرچە ھېچقانداق مەلۇمات ئېلان قىلىنمىدى. شۇ يەر ۋاقتى 19.00، ئەنقەرە ۋاقتى 22.00 دىن باشلاپ يەر تەۋرەش مەركىزىگە 20 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى 20 يېزىدا، ئىككى ئۆي ۋە بەزى مال ئېغىللىرىنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
يەر تەۋرەشتىن كېيىن رايوندا 5.3 بال چوڭلۇقتا قالدۇق يەر تەۋرەشلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.
بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ئاقسۇ شەھىرىدىن باشقا، قەشقەر، خوتەن ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردە، ئۇيغۇرلارغا قوشنا قىرغىزىستان، قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ ھېس قىلىنغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجاندا 5.2 بال يەر تەۋرىدى
ئەزەربەيجان يەر تەۋرەش مۇلازىمەت مەركىزى يەر تەۋرەش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.