ئەزەربەيجاندا 5 بال يەر تەۋرىدى

ئەزەربەيجاننىڭ سائاتلى ۋە سابىرئابات ۋىلايەتلىرى تەۋەلىكىدە 5 بال يەر تەۋرىدى.

2091053
ئەزەربەيجاندا 5 بال يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان يەر تەۋرەش مۇلازىمەت مەركىزى بايانات ئېلان قىلىپ، شۇ يەر ۋاقتى 22.05 دە سائاتلى ۋە سابىرئابات ۋىلايەتلىرى تەۋەلىكىدە 5 بال يەر تەۋرىگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، يەرنىڭ 61 كىلومىتىر چوڭقۇرلۇقىدا يۈز بەرگەن تەۋرەشنىڭ قوشنا ۋىلايەتلەردىمۇ  ھېس قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئەزەربەيجان جىددى ئەھۋاللار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، يەر تەۋرەشتە ئادەم ئۆلۈش ياكى ماددىي زىيان كۆرۈلگەنلىكى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر