باكۇدا «قانلىق يانۋار» قىرغىنچىلىقى خاتىرىلەندى

ئەزەربەيجان مۇستەقىللىقىنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان ۋە تارىخ سەھىپىلىرىدىن «قانلىق يانۋار» دېگەن نام بىلەن ئورۇن ئالغان 20-يانۋار قىرغىنچىلىقىنىڭ قۇربانلىرى خاتىرىلەندى.

2091217
باكۇدا «قانلىق يانۋار» قىرغىنچىلىقى خاتىرىلەندى
azerbaycan 20 ocak.jpg
azerbaycan 20 ocak.jpg
azerbaycan 20 ocak.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان خەلقى 1990-يىلى يۈز بەرگەن قەتلىئامدا جېنىدىن ئايرىلغانلارنى خاتىرىلەش ئۈچۈن باكۇدىكى شېھىتلەر قەبرىستانلىقى (شېھىتلەر خىيابانى)غا قاراپ سەل بولۇپ ئاقتى. باكۇ ۋە باشقا شەھەرلەردىن كەلگەنلەر شېھىتزارلىق ئالدىدا ئۇزۇن ئۆچرەتلەرنى ھاسىل قىلدى. ئىشتىراكچى ئامما قەبرىلەرگە گۈللەرنى قويۇپ، دۇئالارنى قىلدى.

پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن رەپىقىسى مېھرىبان ئالىيېۋامۇ شېھىتلەر قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلىپ، ئەبەدىي ئاتەش خاتىرە مۇنارىغا گۈلچەمبىرەك قويدى. ئەزەربەيجان خەلقى شۇ يەر ۋاقتى سائەت 12:00 دە بارلىق شېھىتلەر ئۈچۈن بىر مىنۇت سۈكۈتتە تۇرۇپ ھۆرمىتىنى ئىپادىلىدى. بۇ جەرياندا، ھازار دېڭىزى ساھىلىدىكى پاراخوتلار، مېترو-پويىزلار ۋە ئاپتوبۇسلار دۈدۈك چالدى.

تۈركىيەنىڭ باكۇدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاھىت باغجىمۇ شېھىتلەر قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلىپ، شېھىت قەبرىلىرىگە گۈلچەمبىرە قويۇپ، دۇئا قىلدى. قانلىق يانۋار مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ باكۇدىكى ئەلچىخانىسىدىكى تۈركىيە بايرىقى يېرىم چۈشۈرۈلدى.

1990-يىلىنىڭ باشلىرىدا، ئەرمەنلەرنىڭ ئېشىپ بارغان زېمىن تەلەپلىرىگە ۋە سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئەزەربەيجان خەلقى، باكۇنىڭ ئازادلىق مەيدانىدا توپلىنىپ، ئۇزۇنغىچە يىغىلىش ئۆتكۈزدى. 20-يانۋار يىغىلىشنى تارقىتىۋېتىش ئۈچۈن باكۇنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىغا كىرگەن سوۋېت قىزىل ئارمىيەسى، ئاياللار ۋە كىچىك بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 150 كە يېقىن پۇقرانى قىرغىن قىلدى، يۈزلەرچە كىشىنى يارىدار قىلدى.

شېھىتلەر يۈز مىڭلارچە كىشىنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا، كۆز-ياشلار ئىچىدە گۈل-چېچەكلەر بىلەن بۈگۈنكى كۈندە «شېھىتلەر ھىيابانى» دەپ ئاتىلىدىغان قەبرىستانلىققا يەرلىككە قويۇلدى.

ئەزەربەيجان خەلقى 34 يىلدىن بۇيان ھەر يىلى 20-يانۋاردا، قوللىرىدا 20-يانۋار قۇربانلىرىنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان قىزىل گۈللەرنى كۆتۈرگىنىچە شېھىتزارلىققا كېلىپ، مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر