قىرغىزىستاندا ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەكتە مەشىق ئۇچۇشى ئەسناسىدا «Mi-8» تىپلىق ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى.
2089701
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «كابار» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، قىرغىزىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مەيدانىدىكى مەشىق ئۇچۇشى قىلغان «Mi-8» تىپلىق ھەربىي تىك ئۇچار قونۇش جەريانىدا چۈشۈپ كەتكەن.
خەۋەردە، ۋەقەدە يارىلانغانلارنىڭ بارلىقى ۋە ۋەقەگە قارىتا تەكشۈرۈشنىڭ باشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
قىرغىزىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھادىسە ھەققىدە تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.