ئەلىيېۋ: ئەزەربەيجان ئېغىر مەسىلىگە دۇچ كەلگەندە، تۇنجى بولۇپ ئەردوغانغا تېلېفون قىلىمەن
ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ دۆلىتى ھەر قانداق ئېغىر مەسىلىگە دۇچ كەلگەندە بىرىنچى بولۇپ تېلېفون قىلىدىغان كىشىنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
2087320
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ ئەزەربەيجان تېلېۋىزىيە قاناللىرىغا بايانات بەردى؛ ئۇ ئىككىنچى قاراباغ ئۇرۇشى (2020-يىلى 27-سېنتەبىردىن 10-نويابىرغىچە) داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدىكى تېلېفون سۆھبەتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئەڭ كۆپ كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئەلىيېۋ ئەردوغاننىڭ ئۇرۇشنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن ئاخىرقى كۈنىگىچە ئەزەربەيجاننىڭ سېپىدە تۇرغانلىقىنى بايان قىلىپ: «ئۇنىڭ ئەزەربەيجاننى سىياسىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللىشى بەزىلەرگە نىسبەتەن سىگنال بولدى. بۇ ئەزەربەيجان خەلقى بىلەن ھەمنەپەسلىك سىگنالىلا ئەمەس، ئەينى ۋاقىتتا، ئۇرۇشقا ئارىلاشماقچى بولغانلارغا <ئارىلاشماڭلار> دېگەن ئۇچۇر ئىدى. ئەزەربەيجان خەلقى بۇنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ» دېدى.
شۇشانىڭ ئىشغالىيەتتىن ئازاد قىلىنغانلىقىنى تۇنجى بولۇپ تەبرىكلىگەن كىشىنىڭمۇ ئەردوغان ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئەلىيېۋ: «ئەگەر بۈگۈن دۆلىتىمىزگە مۇناسىۋەتلىك ئېغىر بىر مەسىلە ئوتتۇرىغا چىقسا، ئەلۋەتتە، مەن بىرىنچى بولۇپ تېلېفون قىلىپ، ۋاقىپلاندۇرىدىغان كىشى قېرىندىشىم رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بولىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجاندا 5.2 بال يەر تەۋرىدى
ئەزەربەيجان يەر تەۋرەش مۇلازىمەت مەركىزى يەر تەۋرەش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.