ئەزەربەيجان ئەرمېنىيە بىلەن تىنچلىق ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى مەسلىھەتچىسى ھېكمەت ھاجىيېۋ، دۆلىتىنىڭ ئەرمېنىيە بىلەن تىنچلىق ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2084855
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھېكمەت ھاجىيېۋ «بېرلىنېر» گېزىتىگە بايانات بېرىپ، ئەرمېنىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە بەزى ئىجابىي تەرەققىياتلارنىڭ بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنياننىڭ ئىجابىي سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى تىلغا ئالغان ھاجىيېۋ، بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئەسىر ئالماشتۇرۇشنىڭمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئىككى تەرەپلىك سۆھبەتلەرنىڭ چەت ئەلنىڭ مۇرەسسە قىلىشىغا تايانماستىن، بىۋاىستە ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى بايان قىلغان ھاجىيېۋ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا زەنگەزۇر كارىدورى مەسىلىسىگە ئوخشاش تالاش-تارتىشلىق مەسىلىلەرنىڭ يەنىلا بارلىقىنى، ئەمما ئەزەربەيجاننىڭ ئەرمېنىيە بىلەن تىنچلىق ئورنىتىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.