ئەزەربەيجان تۈركىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «پەنچە قۇلۇپ» ھەرىكىتى رايونىدىن كەلگەن شەھىتلەرنىڭ خەۋىرىدىن قاتتىق قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بىز تېرورلۇققا قارشى كۈرەشتە ھەر ۋاقىتتىكىگە ئوخشاشلا تۈركىيەنىڭ  يېنىدا تۇرىمىز» دېدى.

2080136
ئەزەربەيجان تۈركىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا ، «قېرىندىشىمىز تۈركىيەنىڭ پەنچە قۇلۇپ ھەرىكىتى رايونىدا تېررورچىلارنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا شەھىت بولغان ئەسكەرلەر ھەققىدىكى خەۋەر بىزنى چوڭقۇر ئازابلىدى. شېھىتلىرىمىزگە ئاللاھتىن رەھمەت، يارىدارلىرىمىزغا بالدۇرراق شىپالىق تىلەيمىز. تېرورلۇققا قارشى كۈرەشتە ھەر ۋاقىتتىكىگە ئوخشاشلا تۈركىيەنىڭ  يېنىدا تۇرىمىز» دېيىلدى.

ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋمۇ ئىجتىمائىي ئالاقە ھېساباتىدا تەزىيەنامە ئېلان قىلدى.

بايراموۋ: «پەنچە قۇلۇپ  ھەرىكىتى رايونىدا قېرىندىشىمىز تۈركىيەنىڭ نۇرغۇن ئەسكەرلىرىنىڭ  شېھىت بولغانلىقىدىن قاتتىق قايغۇردۇق. بۇ ئازابلىق كۈندە شەھىدلىرىمىزگە ئاللاھتىن رەھمەت ۋە يارىدارلىرىمىزغا شىپالىق تىلەيمىز» دېدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىراقنىڭ شىمالىدا شېھىت بولغان ئەسكەرلەر سانىنىڭ 12 گە كۆپەيگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر