ئەزەربەيجان تۈركىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى زاكىر ھاسانوۋ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك نىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھۇجۇمىدا شېھىت بولغان تۈركىيە ئەسكەرلىرى ئۈچۈن، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەرگە تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى.

2080019
ئەزەربەيجان تۈركىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر ھاسانوۋ تۈركىيە ئارمىيەسى ئەسكەرلىرىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى خائىنلارچە ھۇجۇمىدا شېھىت بولغانلىقى ۋە يارىلانغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، قاتتىق قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيەنىڭ ئازابىنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ ئازابى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ھاسانوۋ: «بىز ھەر خىل تېررورلۇقنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ھەر دائىم قېرىنداش تۈركىيە ئارمىيەسىنى قوللايمىز ۋە قوللاشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

ئۇ تېلېگراممىسىدا، شېھىت بولغان ئەسكەرلەرگە ئاللاھتىن رەھىم – شەپقەت تىلىدى، يارىلانغان ئەسكەرلەرنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر