تاتار: تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ قىبرىستىكى مەۋجۇتلۇقىغا ئەھمىيەت بېرىمىز

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار: «تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ قۇدرەتلىك بىر ئارمىيە سۈپىتىدە بۇ يەردىكى مەۋجۇدىيىتىگە ئەھمىيەت بېرىمىز. بۇلار بىزنىڭ قىزىل سىزىقلىرىمىز» دېدى.

2080016
تاتار: تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ قىبرىستىكى مەۋجۇتلۇقىغا ئەھمىيەت بېرىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىبرىس تۈرك ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى لەفكوشادا ئايۋاسىل شېھىتلىرىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن.

جۇمھۇر رەئىس ئەرسىن تاتار مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ 1960-يىلىدىن ئىلگىرىكى ياكى 1974-يىلىدىن بۇرۇنقى دەۋرگە قايتىشنى خالىمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «دۇنيا قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. بىز ئۆز دۆلىتىمىزنىڭ بايرىقى ئاستىدا، ئانا ۋەتىنىمىزنىڭ كاپالەتچىلىكىگە ۋە قۇدرەتلىك تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ بۇ يەردىكى مەۋجۇدىيىتىگە ئەھمىيەت بېرىمىز. بۇلار بىزنىڭ  قىزىل سىزىقىمىز» دېگەن.

تاتار ئىككى دۆلەتلىك سىياسەتكە ئىشارەت قىلىپ: «بىز پەقەت ئىگىلىك ھوقۇقلۇق باراۋەر ئىككى دۆلەت يانمۇيان تۇرۇپ ئۆزئارا ھەمكارلىشىدىغان ھەل قىلىش ئەندىزىسىگىلا قوشۇلالايمىز. بىز ئۇلارنىڭ بىزنى تۈركىيەسىز، ئانا ۋەتەننىڭ كاپالەتچىلىكى بولمىغان بىر تەۋەككۈلچىلىككە سۆرەپ كىرىشىگە ھەرگىز قوشۇلمايمىز ۋە ھەرگىز قوشۇلماسلىقىمىز كېرەك» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر