ئىلھام ئەلىيېۋ جەۋدەت يىلماز بىلەن كۆرۈشتى

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ دۆلىتىمىز مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىسى جەۋدەت يىلمازنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىندى.

2078774
ئىلھام ئەلىيېۋ جەۋدەت يىلماز بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن جەۋدەت يىلماز زاگۇلبا سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مەۋجۇت ھەمكارلىقلارنى، يېڭى ھەمكارلىق پۇرسەتلىرى ۋە رايون خاراكتېرلىك شۇنداقلا خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەرنى ئۆزئارا مۇزاكىرە قىلدى.

دۆلىتىمىز مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىسى جەۋدەت يىلماز ئۇچرىشىشقا مۇناسىۋەتلىك ئىجتىمائىي ئالاقە ئادرېسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، «تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ھېسابلىنىدىغان تۈركىيە-ئەزەربەيجان ھەمكارلىقى، دۆلەتلىرىمىزنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى ئاساسىدا بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئىستراتېگىيە ئارقىلىق تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. <بىر مىللەت، ئىككى دۆلەت> ئېڭى بىلەن يۈكسەلگەن تۈركىيە ئەسرىدە تېخىمۇ كۈچىيىشنى داۋاملاشتۇرىمىز.  قىزغىن ۋە سەمىيمىي مېھماندوستلۇقى ئۈچۈن پىرېزىدېنت ئەلىيېۋگە رەھمەت ئېيتىمەن، قېرىنداش ئەزەربەيجان خەلقىگە سۆيگۈ - مۇھەببىتىمنى يوللايمەن» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر