قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستان چېگرا مەسىلىسى سۆھبەتلىرىدە قىسمەن ئىلگىرىلەش ھاسىل بولدى

قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستان تالاش-تارتىشلىق چېگراسىنىڭ يەنە 47 كىلومېتىرلىق قىسمى توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلدى.

2076708
قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستان چېگرا مەسىلىسى سۆھبەتلىرىدە قىسمەن ئىلگىرىلەش ھاسىل بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستان ھۆكۈمەت ئاخبارات ئورگىنىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، ئىككى دۆلەت چېگرا بەلگىلەش ھەيئەتلىرى 8-دېكابىردىن 14-دېكابىرغىچە قىرغىزىستاننىڭ باتكەن شەھىرىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

ئىككى دۆلەت چېگرا بەلگىلەش ھەيئەتلىرى قىرغىزىستان-تاجىكىستان چېگراسىنىڭ يەنە 47.05 كىلومېتىرلىق قىسمى توغرىسىدا  كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى ئىمزالىغان.

قىرغىزىستان بىلەن تاجىكستان ئوتتۇرىسىدىكى 970 كىلومېتىرلىق چېگرانىڭ 503 كىلومېتىرلىق قىسمىنىڭ تەۋەلىكى ئېنىقسىز بولۇپ، چېگرانىڭ ئىككى تەرىپىدە ياشايدىغان ئاممىنىڭ توقۇنۇشلىرىغا بەزىدە ئىككى دۆلەت قىسىملىرىمۇ ئارىلىشىپ كەلمەكتە ئىدى.

ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 2022 – يىلى 14 – سېنتەبىرمۇ توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ھەر ئىككى تەرەپتىن نەچچە ئون كىشى قازا قىلغانىدى.

سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەن (1991 – يىلى)دىن كېيىن پەيدا بولغان چېگرا ماجىراسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان قىرغىزىستان-تاجىكىستان چېگرا بەلگىلەش خىزمەت گۇرۇپپىلىرى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى تالاش – تارتىشلىق چېگرانىڭ 190 كىلومېتىرلىق قىسمى توغرىسىدا  كېلىشىم ھاسىل قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر