خەلقئارا تۈرك مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ «ئاخبارات مۇكاپاتلىرى» تارقىتىلدى
خەلقئارا تۈرك مەدەنىيەت تەشكىلاتى-تۈركسوي (TÜRKSOY) 2023-يىللىق «ئاخبارات مۇكاپاتلىرى» ئەزەربەيجاننىڭ شۇشا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا تارقىتىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركسوينىڭ 2023-يىللىق مۇكاپاتلىرى تۈرك دۇنياسىنىڭ 2023-يىللىق مەدەنىيەت پايتەختى شۇشا پائالىيەتلىرىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى رامكىسىدا تارقىتپ بېرىلدى.
مۇراسىمدا، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى، شىمالىي ماكېدونىيە، مولداۋىيەگە قاراشلىق گاگاۋۇز ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى، تۈركمەنىستان ۋە تۈركىيەدە ئاخباراتچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئورگانلارنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن شەخسلىرىگە مۇكاپات تارقىتىپ بېرىلدى.
تۈركىيەدىن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن پىروفېسسور دوكتور مەسۇت ھەققى جاشىن مۇراسىمدىن كېيىن سۆز قىلدى.
ئۇ قاراغنىڭ سىمۋوللۇق شەھىرى شۇشادا مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىدىن ئۆزىنى شەرەپلىك ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ئەزەربەيجاننى زېمىن پۈتۈنلۈكى ئەمەلگە ئاشقانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلەيمەن، مۇكاپاتىمنى قەھرىمان شېھىتلارغا ھەدىيە قىلىمەن» دېدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.
ئۆزبېكىستان بىلەن ۋېنگىرىيە ئەركىن ئىقتىسادىي رايون قۇرىدۇ
ئۆزبېكىستاندا ۋېنگىرىيە ۋە ياۋروپا شىركەتلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە ئەركىن ئىقتىسادىي رايون قۇرۇلىدۇ.