ھاجىيېۋ: ئەرمېنىيە تىنچلىقنىڭ يىلتىزىنى سىرتتىن ئىزدىمەسلىكى كېرەك
ئەزەربەيجان مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ھىكمەت ھاجىيېۋ، ئەرمېنىيەنىڭ تىنچلىقنىڭ يىلتىزىنىڭ ۋاشىنگتون، بىريۇسسېل ۋە پارىژدا ئەمەس، بەلكى كاۋكاز رايونىدا ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن پىرېزىدېنت ھىكمەت ھاجىيېۋ ئەرمېنىيە ھۆكۈمىتىنى «يۆنىلىشىنى رايونغا بۇراپ، تىنچلىق ئورنىتىش ۋە ئەستايىدىل مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئەزەربەيجان بىلەن سۆھبەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇش»قا چاقىردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئەزەربەيجاننىڭ نىيىتى ياخشى. دۆلىتىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى، رايوندا ئادالەت ۋە خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان يېڭى ۋە قانۇنلۇق ھۆكۈمەت تەسىس قىلىندى» دېدى.
2022-يىلى مايدا، ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەرمېنىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپىنى ئېلان قىلغانىدى.
بۇلار ئۆزئارا ئىگىلىك ھوقۇقنى ئېتىراپ قىلىش، ئۆزئارا زېمىن تەلىپىنىڭ يوقلۇقىنى جەزملەشتۈرۈش، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا بىخەتەرلىك تەھدىتى پەيدا قىلماسلىققا ئەھدە قىلىشى، دۆلەت چېگرالىرىنىڭ بەلگىلىنىشى، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، قاتناش ۋە ئالاقە يوللىرىنى ئېچىش قاتارلىقلار ئىدى.
21 – نويابىر ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەرمىنىيەگە ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق چېگراسىدا تىنچلىق مۇساپىسىنى مۇزاكىرە قىلىشنى تەكلىپ قىلدى. مىنىستىرلىق ۋەكىللىرى ئەرىۋاننىڭ ئەزەربەيجاننىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش تەلىپىگە ئىككى يېرىم ئايدىن كېيىن ئاندىن جاۋاب قايتۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «تىنچلىق سۆھبىتىدىكى بۇ خىل توختاپ قېلىشلار رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىگە پايدىلىق ئەمەس» دېگەنىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.