قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستان چېگرا ئىختىلاپى سۆھبەتلىرىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلدى

قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدىكى دەتالاشلىق چېگراسىنىڭ تەخمىنەن 18 كىلومېتىرلىق بۆلىكى توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلدى.

2062204
قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستان چېگرا ئىختىلاپى سۆھبەتلىرىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى مەتبۇئات ئىشلىرى ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، چېگرا بەلگىلەش ئۆمەكلىرىنىڭ 1- نويابىردىن 8- نويابىرغىچە تاجىكىستاننىڭ بوستون شەھىرىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، چېگرانىڭ يەنە 17.98 كىلومېتىرلىق بۆلىكى توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى ئىمزالىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستاننىڭ تەخمىنەن 970 كىلومېتىر كېلىدىغان چېگراسىنىڭ 503 كىلومېتىرلىق بۆلىكى توغرىسىدا دەتالاش داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، چېگرا بويىدىكى يېزىلاردا ياشايدىغان ئاھالىنىڭ توقۇنۇشلىرىغا پات- پاتلا ئىككى دۆلەت قوراللىق قىسىملىرىمۇ ئارىلىشىپ كېلىۋاتاتتى. 2022- يىلى 14- سېنتەبىر يۈز بەرگەن ئەڭ ئاخىرقى توقۇنۇشتا ئىككى تەرەپتىن نەچچە ئون كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن پەيدا بولغان چېگرا ماجىراسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان خىزمەت گۇرۇپپىسى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى چېگرانىڭ تالاش- تارتىشلىق قىسمىنىڭ 145 كىلومېتىرلىق بۆلىكى توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر