مىرزىيايېۋغا «تۈرك دۇنياسى ئالىي ئوردېنى» بېرىلدى
ئۆزبېكسىتان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيايېۋغا ئۈچۈن «تۈرك دۇنياسى ئالىي ئوردېنى» تەقدىم قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانەدە چاقىرىلغان 10 – نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىدا، ئۆزبېكسىتان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيايېۋغا <تۈرك دۇنياسىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشكە قوشقان مۇھىم تۆھپىسى> ئۈچۈن «تۈرك دۇنياسى ئالىي ئوردېنى» تەقدىم قىلىندى.
قازاقىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانەدە چاقىرىلغان 10 – نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن، مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
مۇراسىمدا قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توكايېۋ ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيايېۋغا «تۈرك دۇنياسىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشكە قوشقان مۇھىم تۆھپىسى» ئۈچۈن، «تۈرك دۇنياسىنىڭ ئالىي ئوردېنى» نى تەقدىم قىلدى.
پىرېزىدېنت مىرزىيايېۋ مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ: «مەن بۇ مۇكاپاتنى ھەقىقىي قېرىنداشلىق رىشتىسى ئاساسىدا قايتىدىن كۈچەيگەن يېقىن دوستلۇقىمىز ۋە ھەمكارلىقىمىزنىڭ سىمۋولى دەپ قارايمەن» دېدى.
مۇراسىمغا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپاروۋ، تۈركمەنىستان خەلق مەنپەئەتى پىرېزىدېنتى گۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدوۋ ۋە ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋېكتور ئوربان قاتارلىقلارمۇ قاتناشتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.
ئۆزبېكىستان بىلەن ۋېنگىرىيە ئەركىن ئىقتىسادىي رايون قۇرىدۇ
ئۆزبېكىستاندا ۋېنگىرىيە ۋە ياۋروپا شىركەتلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە ئەركىن ئىقتىسادىي رايون قۇرۇلىدۇ.