تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى ئاستانادا باشلاندى

تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ 10 – نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادا باشلاندى.

2059815
تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى ئاستانادا باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قۇرۇلغانلىقىنىڭ 14 يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتقان تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ تېمىسىنى «تۈرك دەۋرى» قىلىپ بېكىتتى.

ئورتاق تارىخىي ۋە مەدەنىيەت قىممەتلىرىگە ئىگە تۈرك دۆلەتلىرى بىرلىشىپ قۇرغان تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى، تۈرك دۇنياسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى نىشان قىلىدۇ.

تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ئىقتىسادتىن سىياسەتكىچە، مەدەنىيەتتىن ساياھەتچىلىككىچە، مائارىپتىن تەنتەربىيەگىچە بولغان ھەرقايسى ساھەلەردە ھەمكارلىقنىڭ ئاساسىنى تىكلەشنى كۆزلەپ تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا.

تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا چاقىرىلغان 10 – نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىغا، تۈركىيەگە ۋاكالىتەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىشتىراك قىلماقتا.

ئىگىلىنىشىچە، باشلىقلار يىغىنىدا، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ قارالمىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدىغان، رەھبەرلەر بىر قاتار مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇھىم قارارلارنى چىقىرىدىغان، تەشكىلاتنىڭ سودا - ئىقتىساد، قاتناش ۋە تاموژنا ساھەلىرىدىكى  لايىھەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك كېلىشىملىرى ھەم رەسمىي ھۆججەتلىرىنى كۈچكە ئىگە قىلىدىغان يۇقىرى قاتلاملىق بىر مۇنبەر شەكىللەندۈرۈلىدىكەن.

 تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆزبېكىستاندىن قازاقىستان ئۆتكۈزۈۋالىدىغان باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئاخىرىدا، رەھبەرلەر بىرقاتار قارارنامەلەر، «ئاستانا باياننامەسى» ۋە «ئاستانا باشلىقلار يىغىنى خىتابنامىسى» نى ئىمزالايدىكەن.

2009 – يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تۈركىيە تەرىپىدىن ئىمزالانغان «نەخچىۋان كېلىشىمى» گە ئاساسەن قۇرۇلغان تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى، تەخمىنەن 5 مىليون كىۋادرات كىلومېتىرلىق زېمىنغا ئىگە ئەزا دۆلەتلىرى بىلەن تۈرك دۇنياسىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكىنى يەنىمۇ زورايتىپ، 14 يىل ئىچىدە خەلقئارالىق تەشكىلاتقا ئايلاندى.

2021-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان 8-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىدا، ئەسلى «تۈرك كېڭىشى» بولغان تەشكىلاتنىڭ ئىسمى «تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى» غا ئۆزگەرتىلدى.

2019 – يىلى باكۇدا چاقىرىلغان باشلىقلار يىغىنىدا ئۆزبېكىستاننىڭمۇ ئەزا بولۇشى بىلەن تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سانى بەشكە يەتتى.

نۆۋەتتە تۈركمەنىستان، ۋېنگىرىيە ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ  «كۆزەتكۈچى» ئەزالىرىدۇر.

مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە دۇنيا تاموژنا تەشكىلاتى قاتارلىق نۇرغۇن خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشپ تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا.

6 – فېۋرال (2023) كۈنى قاھرامانماراشنى مەركەز قىلىپ، تۈركىيەنىڭ 11 ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن، 16-مارت كۈنى ئەنقەرەدە چاقىرىلغان تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى پەۋقۇلئاددە باشلىقلار يىغىنىدا، رەھبەرلەر چىن ۋە سەمىمىي پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ھەر دائىم تۈركىيەنى قوللايدىغانلىقلىرىنى نامايان قىلغان ئىدى.

شۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن ئىمزالانغان «ئەنقەرە باياننامەسىى» ئارقىلىق «ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش» مەسىلىسى، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ يېڭى ھەمكارلىق ساھەلىرىدىن بىرى قىلىپ بېكىتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر