تۈركمەنىستان ئاياللارنىڭ بىخەتەرلىكى جەھەتتە دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى58 – دۆلەت بولدى

تۈركمەنىستان 2023-يىلدىكى ئاياللارنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكى كۆرسەتكۈچىدە 177 دۆلەت ئىچىدە 58-بولدى.

2058300
تۈركمەنىستان ئاياللارنىڭ بىخەتەرلىكى جەھەتتە دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى58 – دۆلەت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىچىدە تۈركمەنىستاندىن قالسا، ئاياللار ئەڭ بىخەتەر ئىككىنچى دۆلەت قازاقىستان بولۇپ، تىزىملىكتە 70-بولدى. ئۇنىڭدىن قالسىلا تاجىكىستان 90-، ئۆزبېكىستان 94 - ۋە قىرغىزىستان 95 – بولدى.

باشقا رايون ۋە دۆلەتلەر ئىچىدە ئاياللار ئەڭ بىخەتەر دۆلەتلەر: رەت بويىچە دانىيە، شىۋېيېتسارىيە ۋە شىۋېتسىيە تىزىملىكتە 1- ، 2-ۋە 3- بولدى. ئەڭ خەتەرلىكى ئافغانىستان بولۇپ، تىزىملىكتە 177-ئورۇندا تۇردى. يەمەن 176 - ۋە ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى 175 - بولدى.

ئاياللارنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكى كۆرسەتكۈچى «WPS» كۆرسەتكۈچىنى تەييارلاشتا، ھەر قايسى دۆلەتلەر 13 ئۆلچەم بويىچە باھالاپ چىقىلدى، بۇ ئۆلچەملەر تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرگە ئايرىلىدۇ:

مائارىپ ، پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمىتىگە ئېرىشىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، تېلېفون ئىشلىتىش، ئاياللارنىڭ پارلامېنتتىكى ئەزالىق سانى

ئادالەت، قانۇنىي ئايرىمچىلىقنىڭ بولماسلىقى، سوتقا كىرىش، ئانىلارنىڭ ئۆلۈملىرى، يامان كۆرۈش

بىخەتەرلىك، يولداشلىرىنىڭ زوراۋانلىق نىسبىتى، ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتە ئۆزىنى بىخەتەر ھېس قىلىش تۇيغۇسى، ئاياللارغا قارىتىلغان سىياسىي زوراۋانلىق، قوراللىق توقۇنۇشقا يېقىنلىق.

دوكلات ب د ت ۋە دۇنيا بانكاسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى ھەمدە «Gallup» گاللۇپ قاتارلىق ئورگانلارنىڭ دۇنياۋى تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ تەييارلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر