بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنادىكى موستار كۆۋرىكى تۈركىيە بايرىقىنىڭ رەڭگىگە چۆمدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 - يىللىقى بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنانىڭ موستار شەھىرىدە قىزغىنلىق بىلەن تەبرىكلەندى.

2057501
بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنادىكى موستار كۆۋرىكى تۈركىيە بايرىقىنىڭ رەڭگىگە چۆمدى
mostar köprüsü türk bayrağı.jpg

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنانىڭ ئەڭ مۇھىم ئابىدەسى بولغان موستار كۆۋرۈكى تۈنۈگۈن (29-ئۆكتەبىر) كەچتە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيە بايرىقىنىڭ رەڭگىدە يورۇتۇلدى.

پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ موستاردا تۇرۇشلۇق كونسۇلى ياشار ئەرگۈن بۈگۈن (30-ئۆكتەبىر) مۇ تەبرىكلەش زىياپىتى بېرىدىغان بولدى.

زىياپەتكە موستار شەھىرىدىن ۋە بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنانىڭ باشقا رايونلىرىدىن نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك  مېھمانلارنىڭ كېلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر