ئەرمېنىيە كۆمگەن مىنالارنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە 3413 ئەزەربەيجانلىق قازا قىلدى
ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى مەسلىھەتچىسى ھىكمەت ھاجىيېۋ 1991- يىلىدىن بۇيان 3413 ئەزەربەيجانلىقنىڭ ئەرمېنىيە ئورۇنلاشتۇرغان مىنالارنىڭ قۇربانى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىكمەت ھاجىيېۋ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى <X> تىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجان زېمىنلىرىنى ئىشغال قىلغان مەزگىلدە ۋە ئىككىنچى قاراباغ ئۇرۇشى جەريانىدا ئەزەربەيجان زېمىنلىرىغا كۆمگەن مىنالىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان تالاپەتلەر توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئامما بىلەن ئورتاقلاشتى.
ئىككىنچى قاراباغ ئۇرۇشى ئاخىرلاشقان 2020- يىلى 10 - نويابىردىن بۇيان ئەرمېنىيە تەرەپ كۆمگەن مىنالار پارتلاپ قازا قىلغان ئەزەربەيجانلىقلار سانىنىڭ 65 كە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ھاجىيېۋ، بۇ ۋەقەلەردە 269 ئەزەربەيجانلىقنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
قازا قىلغانلارنىڭ 50 نەپىرىنىڭ پۇقرا، 15 نەپىرىنىڭ ئەسكەر ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان ھاجىيېۋ، 1991- يىلىدىن بۇيان ئەرمېنىيە تەرەپ كۆمگەن مىنالار پارتلاپ 3413 ئەزەربەيجانلىقنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجاندا 5.2 بال يەر تەۋرىدى
ئەزەربەيجان يەر تەۋرەش مۇلازىمەت مەركىزى يەر تەۋرەش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.