تاتار گېرمانىيە ئەسكەرلىرىنىڭ قىبرىسقا كىرىشىگە نارازىلىق بىلدۈردى

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىس ئەرسىن تاتار جەنۇبىي قىبرىس دائىرىلىرىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى رايونلارغا گېرمانىيە ئالاھىدە قىسىم ئەسكەرلىرىنىڭ كېلىشىگە نارازىلىق بىلدۈردى ۋە بۇنداق قىلىشنىڭ خەلقئارا كېلىشىملەرگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2054966
تاتار گېرمانىيە ئەسكەرلىرىنىڭ قىبرىسقا كىرىشىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس تاتار ئىسرائىلىيە- پەلەستىن توقۇنۇشى باشلانغاندىن كېيىن، جەنۇبىي سىپرۇستا ھەربىي ھەرىكەتلىنىش پەيدا بولغانلىقىنى، گېرمانىيە ئالاھىدە قىسىم ئەسكەرلىرىنىڭ جەنۇبىي قىبرىس رۇم دائىرىلىرى كونتروللۇقىدىكى رايونلارغا كىرگەنلىكىنى، پەقەت گېرمانىيە ئەسكەرلىرىنىڭلا ئەمەس، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئەسكەرلىرىنىمۇ تۈركىيە ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ رۇخسىتىسىز قىبرىسقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تاتار سيۇرىخ ۋە لوندون كېپىللىك كېلىشىملىرىگە ئىشارەت قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ جەنۇبىي قىبرىس رۇم دائىرىلىرى تەۋەلىكىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىنىشكە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقلىرىنى، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ بۇ مەسىلىلەر توغرىسىدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن مەسلىھەتلىشىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

قىبرىس مىقياسىدىكى ھەر قانداق ھەربىي ئۆزگىرىشلەردىن تۈركىيەنىڭ چوقۇم خەۋەردار قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن تاتار، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «قىبرىس جۇمھۇرىيىتىنىڭ كاپالەتچىسى بولغان تۈركىيەنىڭ ۋە بىزنىڭ رۇخسىتىمىزسىز چەت ئەل ھەربىي كۈچلىرىنىڭ ئارالغا كېلىشى خەلقئارا كېلىشىملەرگە خىلاپ. بۇنىڭ گېرمانىيە ياكى باشقا دۆلەت بولۇشىنىڭ پەرقى يوق. قىبرىسنىڭ كاپالەتچىلىرى تۈركىيە، ئەنگلىيە ۋە گىرېتسىيەدۇر؛ بۇنىڭغا دىققەت قىلىنىشى كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئەنگلىيەنىڭ قىبرىستىكى ھەربىي بازىلىرىنىڭ كېلىشىملەر دائىرىسىدە قۇرۇلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «ئەنگلىيەلىكلەر بازىنى ئىشلەتكەندە دىققەت قىلىشى كېرەك. گەرچە بۇ بازىلار ئەنگلىيەنىڭ دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلسىمۇ، ئەمما ئۇلار قىبرىستىكى تۈركلەر ۋە رۇملارغا زىيان يەتكۈزمەيدىغان شەكىلدە بولۇشى كېرەك» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر