شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى مىللىي ماتەم ئېلان قىلدى

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىمۇ ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززەدە «ئەلئەھلى باپتست» دوختۇرخانىسىغا قىلغان ھۇجۇمى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۈچ كۈنلۈك «مىللىي ماتەم» ئېلان قىلدى.

2053119
شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى مىللىي ماتەم ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىمۇ ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززەدە «ئەلئەھلى باپتست» دوختۇرخانىسىغا قىلغان ھۇجۇمى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۈچ كۈنلۈك «مىللىي ماتەم»  ئېلان قىلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ (2023-يىلى 17-ئۆكتەبىر) غەززەنىڭ مەركىزىدىكى ئەلئەھلى باپتىست دوختۇرخانىسىغا قىلغان بومباردىمانىدا، 471 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلغانىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىر كۈنى باشلانغان ھۇجۇملىرىدا 3000 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلدى. 12 مىڭ 500 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر