ئەزەربەيجان-تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا چوڭ ھەمكارلىقلار بار

ئەزەربەيجان ئېنېرگىيە مىنىستىرى شاھبازوۋ تۈركىيە-ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدا تەبىئىي گازدىن نېفىتقىچە بولغان نۇرغۇن ساھەلەردە ھەمكارلىقلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «كەلگۈسىدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تېخىمۇ چوڭ ھەمكارلىقلار روياپقا چىقىدۇ» دېدى.

2051994
ئەزەربەيجان-تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا چوڭ ھەمكارلىقلار بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان ئېنېرگىيە مىنىستىرى پەرۋىز شاھبازوۋ رۇسىيە پايتەختى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن «رۇسىيە ئېنېرگىيە ھەپتىسى» دائىرىسىدە، ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى تۈركىيە-ئەزەربەيجان ھەمكارلىقلىرى ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئوخشىمىغان ساھەلەردە ھەمكارلىق ئورناتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان قېرىنداش دۆلەتلەردۇر. پۈتكۈل ساھەلەردە كەڭ ھەمكارلىقلار مەۋجۇت. ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە، ئېنېرگىيە ساھەسىدىمۇ ناھايىتى نۇرغۇن چوڭ ھەمكارلىقلار بار» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ ئىغدىر ۋىلايىتىدىن ئەزەربەيجاننىڭ نەھچىۋان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىگە تەبىئىي گاز يەتكۈزىدىغان تۇرۇبا يولىغا قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئۇل قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىر قانچە كۈن ئىلگىرى تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا تۈركىيەدىن نەھچىۋانغا گاز يەتكۈزىدىغان تۇرۇبا يولىغا ئۇل سېلىندى» دېدى.

ئۇ تۈركىيە بىلەن نەھچىۋان ئوتتۇرىسىدا توك يەتكۈزۈشتىمۇ ھەمكارلىق ئورنىتىش توغرىسىدا كېلىشىم تۈزۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنىڭ ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ سۆزىنى مۇندا داۋاملاشتۇردى:

«ئەزەربەيجان بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا نېفىت، گاز، نېفىت-خىمىيە ۋە سىجىل ئېنېرگىيە ساھەلىرىدە نۇرغۇن ناھايىتى چوڭ ھەمكارلىقلار مەۋجۇت. ئىنشائاللاھ بىز بۇ ھەمكارلىقلارنى كەلگۈسىدە تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرىمىز. بىزنىڭ نۇرغۇن پىلان-لايىھەلىرىمىز تۈركىيە زېمىنى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇۋاتىدۇ.  ترانزىت ئانادولۇ-تاناپ (TANAP ) بۇلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. تاناپنى تېخىمۇ كېڭەيتىش مەسىلىسى بار. ئىنشائاللاھ كەلگۈسىدە ئىككى قېرىنداش دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تېخىمۇ چوڭ ھەمكارلىقلار ئەمەلگە ئاشىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر