ئىلھام ئەلىيېۋ ئىشغالىيەتتىن يېڭى ئازاد قىلىنغان رايونلارغا ئەزەربەيجان بايرىقىنى ئاستى

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ قاراباغدىكى ئىشغالىيەتچى ھاكىمىيەت بىر چاغلاردا «پايتەخت» قىلىۋالغان خانكەندى شەھىرى بىلەن 1992-يىلى 613 نەپەر ئەزەربەيجان پۇقراسى قىرغىن قىلىنغان خوجالىغا ئەزەربەيجان بايرىقىنى ئاستى.

2051203
ئىلھام ئەلىيېۋ ئىشغالىيەتتىن يېڭى ئازاد قىلىنغان رايونلارغا ئەزەربەيجان بايرىقىنى ئاستى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئەلىيېۋ پىرېزىدېنتلىققا سايلىنىپ ئارىدىن 20 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، 19-سېنتەبىر (2023) ئېلىپ بېرىلغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى بىلەن، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتكەن رايونلارنى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلدى.

ئەلىيېۋ ئالدى بىلەن سەرسەڭ توسمىسى كۆلىنى ۋە ئاغدەرە شەھىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇ يەرگىمۇ ئەزەربەيجان بايرىقىنى ئاستى.

ئۇ خانكەندى شەھىرىنىمۇ زىيارەت قىلدى ۋە ئەزەربەيجان بايرىقىنى ئاسقاندىن كېيىن نۇتۇق سۆزلىدى.

خانكەندى قاراباغدىكى ئىشغالىيەتچى ھاكىمىيەت تەرىپىدىن «پايتەخت» قىلىۋېلىنغان ئىدى.

ئۇ يەنە، 1992-يىلى 26-فېۋرالدا ئەرمېنىيە قىسىملىرى تەرىپىدىن 613 نەپەر ئەزەربەيجان پۇقراسى قىرغىن قىلىنغان خوجالى شەھىرىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، ئەسقەران يېزىسىغا يېتىپ باردى. ئۇ ھەر ئىككى رايونغا ئەزەربەيجان بايرىقىنى ئاستى.

پرېزىدېنت ئەلىيېۋ بىرىنچى قاراباغ ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى ئەزەربەيجانلار ياشايدىغان شۇشاغا قاراشلىق مالىبەيلى يېزىسى بىلەن خانكەندىگە قاراشلىق كەركىجاھان شەھىرىنى زىيارەت قىلدى.

ئەزەربەيجان ئارمىيەسى 19-سېنتەبىردە قاراباغدا ئاساسىي قانۇن تەرتىپىنى ئورنىتىش ئۈچۈن تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەت باشلىغان ئىدى.

قاراباغدىكى قانۇنسىز ئەرمېنىيە قوراللىق كۈچلىرى تەخمىنەن 24 سائەت داۋاملاشقان ھەرىكەتتىن كېيىن قورال تاشلىغان ئىدى.

رايوندا ئىشغالىيەت تۈزۈمى ئورناتقان ئەرمېنييە ھۆكۈمىتى، ئىشغالىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئاتالمىش ​​ھاكىمىيەتنىڭ سابىق باشقۇرغۇچىلىرى ئەزەربەيجان قىسىملىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، پايتەخت باكۇغا ئېلىپ كېتىلدى.

پىرېزىدېنت ئەلىيېۋ تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەتتىن كېيىن، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر